مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 4785   يوللانغان ۋاقتى: 2014-01-26 17:29:01

  مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

      

يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش

       2013 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىشلىرى مۇدىرلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جىڭۋىي سۆز قىلدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى جاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى مۇنداق: مەركەزنىڭ بىر قاتار مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، 2013 - يىلىدىكى خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، 2014 - يىلىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، يېڭى تارىخىي نۇقتىدا ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى داۋاملىق ھالدا ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت.

       يىغىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى:  2013 - يىلى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىلغان بىر يىل بولدى، شۇنداقلا مىللەتلەر خىزمىتىدىمۇ ئېسىل ئەنئەنىلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، مۇقىم ئالغا سىلجىغان بىر يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللىكتىپى مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ، نۇرغۇنلىغان ئىجادىي يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى مۇلاھىزە ۋە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ئاساسلىق قوللانما بىلەن تەمىنلەپ، ئىلگىرلەش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىر يىلدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزدىكى مىللەتلەر ئىشلىرى سېستىمىلىرى مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئاساسەن دادىل  يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ، خىزمەتلەرنى بىجاندىللىق بىلەن ئىشلەپ، مىللەتلەر خىزمىتىدە خوشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

 

  ۋاڭ جېڭۋېي يىغىندا سۆز قىلدى

دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سېستىمىسىدىكى ئۇچۇر خىزمىتى بويىچە ئىلغار كوللىكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر مۇكاپاتلاندى

       يىغىندا، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سېستىمىسىدىكى ئۇچۇر خىزمىتى بويىچە ئىلغار كوللىكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر مۇكاپاتلاندى. يىغىنغا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى كومىتېت ئەزالىرى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدىكى پىشقەدەم رەھبەرلىرى، ھەر قايسى ئورگان، كومىتېتقا قاراشلىق ئىدارىلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرلۇش بىڭتۈەنى ھەمدە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتناشتى. مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدىكى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

      

ئەنۋەر جېلىل تەرجىمىسى