چېن گەيخۇ تۈركىيە مارمارا فوندى جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
چېن گەيخۇ تۈركىيە مارمارا فوندى جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
2013 – يىلى 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن گەيخۇ «مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى»دا، جۇڭگو خەلقئارا دوستلۇق ئالاقە جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئېلىمىزگە ۋە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا زىيارەتكە كەلگەن تۈركىيە مارمارا فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئاكېن سوۋۇ ۋە ئۇنىڭ توققۇز نەپەر ھەمراھى بىلەن كۆرۈشتى.
چېن گەيخۇ كۆرۈشۈشتە ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ۋە تۈپ مىللەتلەر سىياسىتىنى، بولۇپمۇ مىللىى تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق تەرەپلەرنى تونۇشتۇرۇپ، تۈركىيە تەرەپ بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئاكېن سوۋۇ جۇڭگونىڭ مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى تەجرىبىلىرى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆز دۆلىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن تۇنۇشتۇرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مارمارا فوندى جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان «ياۋرۇپا - ئاسىيا ئىقتىساد مۇنبىرى»گە قاتنىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى تۇنۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى خەلقئارا ئالاقە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ جۇاگاڭ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېڭ زېچاڭ ۋە تەكشۈرۈپ نازارەتچىلىك قىلىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار خادىملار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
ئەنۋەر جېلىل تەرجىمىسى