لى جاۋ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتىتى پىشقەدەم كادىرلار پائالىيەت پونكىتى ياشانغانلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى
لى جاۋ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتىتى پىشقەدەم كادىرلار پائالىيەت پونكىتى ياشانغانلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى
لى جاۋ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى
2013 – يىلى 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتىتى پىشقەدەم كادىرلار پائالىيەت پونكىتى ياشانغانلار ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە ياشانغانلار ئۇنۋېرسىتىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان ھۆسنخەت، رەسىم، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى مەركىزىي مىللەتلەر كادىرلار ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى لى جاۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. يىغىنغا كومېتىت قارمىقىدىكى ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ پىشقەدەم كادىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەرلىرى، پىشقەدەم كادىرلار خىزمىتى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ياشانغانلار ئۇنۋېرسىتېتى خىزمىتىگە مەسئۇل ۋەزىپىدىكى يولداشلار، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىن دەم ئېلىشقا، پىنسىيەگە چىققان كادىرلار ئىدارىسىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قاتناشتى. يىغىنغا دەم ئېلىشقا، پىنسىيەگە چىققان كادىرلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نيۇ شياۋفېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىن نەق مەيدانى
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى مۇنداق بولدى: پارتىيىنىڭ 18 – قۇرۇلتاي ۋە 18 – نۆۋەتلىك ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ پىشقەدەم كادىرلار پائالىيەت پونكىتى ۋە ياشانغانلار ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ خىزمەت تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ ھەم ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، «ئورتاق بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى» تېمىسىدا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ياشانغانلار ئۇنۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھۆسنخەت، رەسىم، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىن پىنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پىنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سېستىمىسىنىڭ پىنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار خىزمىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
يىغىن قاتناشچىلىرى ھۆسنخەت، رەسىم، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
يىغىن قاتناشچىلىرى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پىشقەدەم كادىرلار پائالىيەت پونكىتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
يىغىنغا قاتناشقۇچىلىرى پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىكىنىڭ پىشقەدەم كادىرلار پائالىيەت بېكىتىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىن بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن «ئورتاق بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى» تېمىسى بويىچە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ياشانغانلار ئۇنۋېرسىتىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان ھۆسنخەت، رەسىم، فوتۇ سۈرەت كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان جەمئىي 220 پارچە ئەسەر 56 مىللەتنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدەك ياخشى ۋەزىيەتنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ئەكس ئەتتۈرۈپ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سېستىمىسىدىن پىنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارنىڭ ئاكتىپ يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىدەك مەنىۋىي قىياپىتى، ياشانغان ۋاقتىنى مول مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى، «ئورتاق بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى روياپقا چىقىرىشقا بولغان گۈزەل ئارزۇ - ئارمىنى نامايەن قىلىنغان.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنىدىن 27 – كۈنىگىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتىنىڭ گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
سەنەۋەر ئابدۇراخمان تەرجىمىسى