دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ۋۇلىڭشەن رايونىنىڭ رايونلار ئارا تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىناق نوقتا خىزمىتى يىغىنى چاڭشادا ئېچىلدى
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ۋۇلىڭشەن رايونىنىڭ رايونلار ئارا تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىناق نوقتا خىزمىتى يىغىنى چاڭشادا ئېچىلدى
2013 – يىلى 12 - ئاينىڭ 9 – كۈنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى بىلەن بىرلىكتە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە ۋۇلىڭشەن رايونىنىڭ رايونلار ئارا تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىناق نوقتا خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، ئېچىش خاراكتىرىدىكى پۇل مۇئامىلە ياردىمى بىلەن ۋۇلىڭشەن رايونىنىڭ رايونلار ئارا تەرەققىياتىنى قوللاش، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىناق نوقتا خىزمىتى توغرىسىدا تەتقىقات ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جىڭۋېي يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلىپ، ئېچىش خاراكتىرىدىكى پۇل مۇئامىلە ياردىمى بىلەن ۋۇلىڭشەن رايونىنىڭ رايونلار ئارا تەرەققىياتىنى قوللاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشەندۈردى ھەمدە ۋۇلىڭشەن رايونىنىڭ رايونلار ئارا تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىناق نۇقتا خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك كېيىنكى خىزمەتلەرگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى ھەم مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يولداش ۋاڭ جىڭۋېي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى دۆلىتىمىزدىكى ئېچىش خاراكتىرلىق پۇل مۇئامىلە نەزىرىيەسىنىڭ ئىجاتچىسى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزاق مۇددەت نامرات رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ياردەم بەردى. ۋۇلىڭشەن رايونىنىڭ سېستىما خاراكتىرلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ، مەخسۇس ۋۇلىڭشەن رايونىغا قارىتىلغان سىياسەت خاراكتېرلىق پىكىر ۋە ئەمىلىيلەشتۈرۈش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. نامراتلارنى يۆلەش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ۋۇلىڭشەن رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىپ، چوڭ ياخشى ئىشتىن بىرنى روياپقا چىقاردى. ئېچىش خاراكتىرىدىكى پۇل مۇئامىلە بىلەن ۋۇلىڭشەن رايونىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش ۋۇلىڭسەن رايونىنىڭ رايونلار ئارا تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تىزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بىرىنچىدىن، مەبلەغ يوللىرى كەمچىل بولۇش ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاھىدە چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تىزلىتىشكە پايدىلىق؛ ئىككىنچىدىن، ئىلمىي پىلان تۈزۈش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە رايونلارنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىنى يېتەكلەشكە پايدىلىق؛ ئۈچىنچىدىن، مەبلەغ كۆلىمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق؛ تۆتىنچىدىن، سىناق نۇقتىلىرىدا ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتنىڭ چوڭ ئومۇمىيلىقىغا تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشقا پايدىلىق.
يولداش ۋاڭ جىڭۋېي ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يىغىندىن كېيىن بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەزمەن ئۈنۈم يارىتىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېخانىزىمدا يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋۇلىڭشەن رايونىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىناق نۇقتا خىزمىتىنى ئىلمىي ۋە تەرتىپلىك ھالدا ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
يىغىندا، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى خۇبېي، خۇنەن، چوڭچىڭ، گۇيجۇ قاتارلىق تۆت ئۆلكە، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ۋۇلىڭشەن رايونىنىڭ رايونلار ئارا تەرەققىياتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە سىناق نۇقتا ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسى ئىمزالاپ، ئېچىش خاراكتىرىدىكى پۇل مۇئامىلە بىلەن ۋۇلىڭشەن رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئاشۇرۇش بېكىتىلدى. دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ خۇنەن ئۆلكىلىك تارماق بانكىسى جاۋياڭ شەھىرى ۋە يۈەنلىڭ ناھىيىسى بىلەن «ئېچىش خاراكتىرىدىكى پۇل مۇئامىلە ياردىمى بىلەن نامراتلارنى كەسىپلەر ئارا قوللاش ھەمكارلىقى كېلىشىمى» ئىمزالىدى.
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى خۇبىي، خۇنەن، چوڭچىڭ، گۇيجۇ قاتارلىق تۆت ئۆلكە، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ۋۇلىڭشەن رايونىنىڭ رايونلار ئارا تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىناق نۇقتا ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالىدى.
دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ خۇنەن ئۆلكىلىك تارماق بانكىسى جاۋياڭ شەھىرى ۋە يۇەنلىڭ ناھىيىسى بىلەن «ئېچىش خاراكتىرىدىكى پۇل مۇئامىلە ياردىمى بىلەن نامراتلارنى كەسىپلەر ئارا قوللاش ھەمكارلىقى كېلىشىمى» ئىمزالىدى.
يىغىنغا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىمىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ شۇشېڭ تەبرىك سۆزى قىلدى. دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۇەن لى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ گولياڭ ئۆز تارماقلىرىغا ۋاكالىتەن ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. خۇنەن، خۇبېي، چوڭچىڭ، گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكە - شەھەرلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋە تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى، مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، ۋۇلىڭشەن رايونىنى ئېچىش - تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ رەھبەرلىرى، دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
ئەنۋەر جېلىل تەرجىمىسى