رەڭگارەڭ جۇڭگو ــــ جۇڭگو مىللەتلىرىنىڭ يېزىق كۆرگەزمىسى
«رەڭگارەڭ جۇڭگو ــــ جۇڭگو مىللەتلىرىنىڭ يېزىق كۆرگەزمىسى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ
باش شتابىدا جەۋلان قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش بولۇپ ئاچىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ۋە باشقا يىغىنلارنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى تېججىنۋورك گەتۈۋ ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىكلەش نۇتقى سۆزلىدى.
جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش ئەلچىسى ليۇ جيېيى ئەپەندى تەبرىكلەش نۇتقى سۆزلىدى.
«رەڭگارەڭ جۇڭگو» كۆرگەزمىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋېي روڭخۇي خانىم «ياشىسۇن تىنچلىق» دەپ خەت ئويۇلغان ئالتۇن رەڭلىك تامغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى تېججىنۋورك گەتۈۋ ئەپەندىگە تەقدىم قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى تېججىنۋورك گەتۈۋ ئەپەندى، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش ئەلچىسى ليۇ جيېيى ئەپەندى ۋە كۆرگەزمىگە قاتناشقان خادىملار بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
ـــــ ۋاڭ جىڭگۇاڭ فوتوسى
ئامېرىكىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتە يېرىمدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «رەڭگارەڭ جۇڭگو ــــ جۇڭگو مىللەتلىرىنىڭ يېزىق كۆرگەزمىسى»نىڭ يوپۇقى نيۇ - يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شتابىدا ئېچىلدى. كۆرگەزمە ئۈچ كۈن داۋاملىشىپ، 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئاخىرلاشتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش بولۇپ ئاچىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ۋە باشقا يىغىنلارنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى مۇئاۋىن باش كاتىپى تېججىنۋورك گەتۈۋ ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىكلەش نۇتقى سۆزلىدى، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش ئەلچىسى ليۇ جيېيى ئەپەندى يىغىنغا ئالايىتەن كېلىپ تەبرىكلەش نۇتقى سۆزلىدى. تېججىنۋورك گەتۈۋ، باش ئەلچى ليۇ جيېيى ئەپەندىلەر ئۆز نۇتۇقلىرىدا بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. تېججىنۋورك گەتۈۋ ئەپەندى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئالاھىدە تەرىپلەپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى قوغداش ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پۈتكۈل دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان ئاجايىپ زور تۆھپىسى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى؛ باش ئەلچى ليۇ جيېيى ئەپەندى ئۆزىنىڭ تەبرىكلەش نۇتقىدا، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى ئالاھىدە ھەم ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. «رەڭگارەڭ جۇڭگو» كۆرگەزمىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋېي روڭخۇي خانىم بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە «ياشىسۇن تىنچلىق» دەپ خەت ئويۇلغان ئالتۇن رەڭلىك تامغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى تېججىنۋورك گەتۈۋ ئەپەندىگە تەقدىم قىلدى. بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابىنى زىل - زىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى، 140تىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 200 نەپەرگە يېقىن مېھمان ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگودىن كەلگەن گو جېڭيىڭ، جى يوۋچۈەن، دى شاۋيىڭ، ياۋ ۋېيروڭ قاتارلىق تۆت نەپەر خەتتات ۋە رەسسام نەق مەيداندا خەتتاتلىق ۋە رەسىم سىزىش بويىچە ماھارەت كۆرسەتتى؛ جۇڭگونىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن كەلگەن ئۇيغۇر قىز ۋىنىرا ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ئويناپ نومۇر ئورۇنلىدى، شۇنداقلا ئىمزا قويۇش، شەكىل بېسىش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ماھارەت كۆرسەتتى.
بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە پائالىيىتىدە، جۇڭگونىڭ مول، رەڭگارەڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئىپادىلىنىش بىلەن بىر چاغدا، جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتىكى گۈزەل مەنزىرىسى تېخىمۇ نامايان قىلىندى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئالاھىدە بىر خىل نۇقتا ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق، پارتىيە، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى، مىللەتلەر سىياسىتىنى پۈتكۈل دۇنياغا تەشۋىق قىلىش، نامايان قىلىشتا ئويلىمىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ ۋە كۆزلىگەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى دىپلوماتىيەسى، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىدىكى تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە مۇھىم تۆھپە كۆرسەتتى.
بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە باشلىنىشتىن بۇرۇن، كۆرگەزمە ئۆمىكى تۆت كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي رايونلىرىدا 13 مەيدان كۆرگەزمە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى. ئامېرىكا خەلقئارا مەدەنىيەت - سەنئەت ئىتتىپاقى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بېتتىي ئاشۇ 13 مەيدان كۆرگەزمە پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن: «مەن سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۆرگەن پەزىلەت ھەم روھ ماڭا پۈتكۈل جۇڭگولۇقلارنىڭ پەزىلىتى ھەمدە روھىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى، مەن ئىنتايىن تەسىرلەنمەكتىمەن، ھەيران بولماقتىمەن!» دېگەن ئىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شتاب بىناسى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى تېججىنۋورك گەتۈۋ، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش ئەلچىسى ليۇ جيېيى ئەپەندىلەر «رەڭگارەڭ جۇڭگو» كۆرگەزمىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋېي روڭخۇي خانىم بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا.
گو جېڭيىڭ ئەپەندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شتاب بىناسىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى چوڭ زالدا رەسىم سىزماقتا.
جى يوۋچۈەن ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ «توغراق» ناملىق ئەسەرلىرى.
ياۋ ۋېيروڭ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئويما خەت ئەسىرى.
كۆرگەزمە مەيدانىدا ھەرىكەت بىلەن جىمجىتلىق بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن كەلگەن ئۇيغۇر قىز ۋىنىرا ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.
كۆرگەزمە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شتاب بىناسىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى چوڭ زالدا ئۆتكۈزۈلدى، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار ھەمدە تەجرىبە ئالماشتۇرغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
كۆرگەزمە مەيدانىغا توپلاشقان تاماشىبىنلار.
كۆرگەزمە نۇرغۇن ئاخباراتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.