لو لىمىڭ جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ تۈرلەر تەرەققىياتى خىزمىتىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 7831   يوللانغان ۋاقتى: 2013-12-11 15:39:45

لو لىمىڭ جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ تۈرلەر تەرەققىياتى خىزمىتىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى


  


  
  يېقىندا، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىمىڭ جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان بىر قىسىم سېتىۋالغۇچى كارخانىلار ۋەكىللىرىنىڭ تۈرلەر تەرەققىياتى خىزمىتىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. خەلقئارا سودا ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭ ۋەكىلى، تۈرلەر قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى جۇ زىمىڭ، تۈرلەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ياڭ ليۇ، ئامېرىكا TIG شىركىتىنىڭ لېدىرى بىروس گايل، DELL شىركىتىنىڭ ۋەكىلى تيەن تىڭ، Cummins شىركىتىنىڭ ۋەكىلى يۈ جيەن، Marriott خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ ۋەكىلى لۇ ۋېنياۋ، hp شىركىتىنىڭ ۋەكىلى لۇ خەي قاتارلىق كىشىلەر تۈرلەر تەرەققىياتى بويىچە خىزمەتلىرىدىن ئايرىم-ئايرىم دوكلات بەردى. ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو مىللەتلەر تاشقى ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېڭ زېچاڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.
  
  


  
  لو لىمىڭ جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ تۈرلەر تەرەققىياتىدا بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى سېتىۋېلىش شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ھەرقانداق ئىش يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، كىچىكلىكتىن زورىيىشتەك تەرەققىيات جەريانىنى بېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ تۈردىكى خىزمەتلەر ھەقىقەتەنمۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكىمۇ پايدىلىق؛ كۆپچىلىكنىڭ مەزكۇر تۈرلەردىكى خىزمەتلەرنى بىرلىكتە ئۈزۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشىغا ھەمدە ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىشەنچىم كامىل.»
  لو لىمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەزكۇر تۈرلەرگە دائىر ئىشلارنى يەنىلا ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، ئاساسىي قاتلاملاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، تۈرلەرنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئاكتىپ ماسلاشتۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش يۆنىلىشى بويىچە ئىلگىرىلىشىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ. شۇ ئارقىلىق، كۆپ ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقى كېڭەيتىلىپ ھەم چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا بازارغا تېخىمۇ ياخشى قىياپەتتە كىرەلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
  
  (سۈن يوڭگاڭ فوتوسى)