cnbeta تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەنگلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن بىل گېيتىس (Bill Gates) «فۇربېس» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا نەچچە قېتىم چىقىپ بولدى. پاۋىل ئاللېن (Paul Allen) بىلەن مىكروسوفتنى قۇرۇپ، 1975-يىلدىكى كىچىك شىركەتنى كاتتا يۇمشاق دېتال زومىگىرىگە ئايلاندۇرۇپ، مىكروسوفتنىڭ بازار قىممىتىنى 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزدى.

بالىلارغا كۆپ پۇل بەرگەننىڭ پايدىسى يوق!
پۈتۈن دۇنيادىكى بايلار مۇنبىرىدە بىل گېيتىس ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ بىرىنچىلىك ئورنىنى مېكسىكىدىكى تېلېگراف ماگناتى كارلوس سلىم (Carlos Slim) غا تۇتقۇزۇپ قويغانىدى. ئۇ ئۆتكەن 20 يىلدا داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىن 28 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى دۇنيا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلدى. ئۇ 56 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى شەخسىي مۈلۈككە ئىگە. ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى بار بولۇپ، بۇلار 15 ياشلىق جېننىفېر (Jennifer)، بۇ يىل 12 ياشقا كىرگەن رورىي (Rory) ۋە توققۇز ياشلىق پىيبې (Phoebe) قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇ بۇلارغا بۇ مال-مۈلۈكلەرنى ۋارىس قىلىپ قالدۇرمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:« مەن بۇنداق كۆپ پۇللارنىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىمايمەن».
بالىلارنىڭ كونكرېت ھالدا نېمىلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇ ئېنىق بىر نەرسە دېمىدى. ئەمما بۇ توغرىسىدىكى بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھەربىر بالىسى پەقەت 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشەلەيدىكەن. بىل گېيتىس مۇنۇلارنى ئېتىراپ قىلغان:«بۇلار مېنىڭ بايلىقىمنىڭ ناھايىتى كىچىك بىر قىسمى، بۇ ئۇلارنىڭ جەزمەن ئۆزلىرىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ ناھايىتى ياخشى بولغان مائارىپ تەربىيىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەممىسى ئاللىبۇرۇن ھەق تۆلەپ بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ سالامەتلىكى بىلەن ئالاقىدار بولغان ئىشلارنى بىز ياخشى بىر تەرەپ قىلدۇق. ئەمما كىرىمگە نىسبەتەن، ئۇلار جەزمەن ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن خىزمەتنى تاللىشى كېرەك، پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، ئۇلار تىرىشىدۇ. ئۇلار ھازىر يەنىلا بىر ئادەتتىكى بالىلار، ئۇلار ھازىر كۈنلۈك ئىشلەپ، تاپقانلىرىنى خىراجەت قىلىدۇ».

بالىلىرىغا ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكىلى قويماسلىق
بىل گېيتىس مۇنداق دېگەن:«20 نەچچە ياش ۋاقىتلىرىمدا مەن بىر كۈنمۇ رۇخسەت سوراپ باقمىغانىدىم، ھەقىقەتەن رۇخسەت سورىغان بىر كۈنۈممۇ يوق ئىدى، مەن ھەقىقەتەن ئەسەبىيلىك خىزمەت قىلغانىدىم. ئەگەر خىزمەت بولغان بۇنداق قىزغىنلىقىم ئازراق ئاجىزلىسا، ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق ئوينايتتىم ياكى ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىرگە بولاتتىم. مەن مىرسىدىس بىنىز ماركىلىق ماشىنامنى ھەيدەپ بازارلارنى ئارىلايتتىم. مېنىڭ يەنە بىر Lexus ماركىلىق ماشىناممۇ بار ئىدى. ئۆيدە يەنە بىر Porsche ماركىلىق ماشىنا بار بولۇپ، ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى ماشىنا ئىدى، بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن سىرتلارنى ئايلىنىپ كېلەتتۇق. بىزنىڭ يەنە بىر كىچىك يۈك ئاپتوموبىلىمىز بار ئىدى، بۇنى بەشىمىز سىرتقا چىققان ۋاقتىمىزدىلا ئاندىن ئىشلىتەتتۇق. چوڭ قىزىم ئات مىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بالىلىرىم پىلانلىرىمنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ئىدى.
«ئەگەر بالىلىرىڭىز بىر iPad، iPhone ياكى iPod قاتارلىقلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، سىز ئۇلارنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرەمسىز؟» دەپ سورالغاندا بىل گېيتىس چىرايىنىمۇ ئۆزگەرتمەستىن مۇنداق دېگەن:« ئۇلاردا Windows نىڭ ۋەكىللىك مەھسۇلاتلىرى بار، Zune قويغۇچ دېگەندەك. بۇ ھەقىقەتەن Windows نىڭ قۇلايلىق ۋە ئەپچىل قويغۇچىسى».
شۇنىڭ كېيىنلا، ئۇ ئۆزىنىڭ سىياتىلدىكى U2 ناخشا كېچىلىكىگە قاتناشقانلىقىنى ھەمدە كىچىك بازاردىكى بارلىق ئىشلارنى تىلغا ئالغان. ناخشا كېچىلىكنىڭ باش قەھرىمانى Bono بولسا بىل گېيتىسنىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستى ئىدى. 2005-يىلى، بۇ ئىككىيلەن بىرلىكتە «دەۋر؛ ژۇرنىلىنىڭ باش مۇقاۋىسىغا چىققانىدى. بىل گېيتىس مۇنداق دەيدۇ:«مەن، قىزلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچ دوستى، جەمئىي ئالتە ئادەم ناخشا كېچىلىكىگە قاتناشقانىدۇق. بىز بۇ ۋاقىتتا يۈك ئاپتوموبىلىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ماشىنىنى مەن ھەيدىگەنىدىم».
«Bono سىزنى تەكلىپ قىلغانمۇ-يوق» دەپ سورالغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن:« ياق، ئەمەلىيەتتە، ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدە تۇراتتى».
ئۇ ئۆزىنىڭ سىياتىلدىكى ئەينەكلىك، ئازادە ئىشخانىسى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:« بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئايالىم ئويلاپ تاپقانىدى، مەن پەقەت پۇل چىقارغانىدىم».
بەزىلەر، بىل گېيتىس ئىجتىمائىي ئالاقىگە ئانچە ماھىر بولمىغاچقا، ئۇ ناھايىتى مۇلايىم كۆرۈنىدۇ. ئۇ نەچچە يۈز مىليونلۇق چوڭ شىركەتنى قۇردى، ئەمما ئۇ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە ئانچە ئىنچىكە مۇئامىلە قىلمىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى يۇقىرى بولۇپ، سۆزلىگەندە جىددىيلەشكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ سۆزىدە بىر خىل دولقۇنسىمان ھالەت كەم بولۇپ، ئىككى قولىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇۋالاتتى ھەمدە ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە مەھكەم يۆلىنىپ ئولتۇراتتى. پۇتىنى پات-پات يەرگە بوشقىنا ئۇرۇپ قوياتتى.

ئۇنىڭدىن «سىزگە نىسبەتەن مىكروسوفت ئاللىبۇرۇن تارىخقا ئايلىنىپ كەتتىمۇ قانداق، ھازىر سىزنىڭ قەلبىڭىزدە پەقەت خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى باردەكلا ھېس قىلىمىز، 2008-يىلى، سىز مىكروسوفتنىڭ كۈندىلىك تەرتىپ خىزمىتىدىن قول ئۈزگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر مىكروسوفت ئەمدى ئالما ۋە گۇگېلنىڭ رىقابىتىگە يۈزلىنىدۇ، دەپ قاراشقانىدى» دەپ سورالغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن:«مېنىڭ ئاخىرقى ئۆمرۈمدىكى پۈتۈن كۈنلۈك خىزمىتىم بولسا خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىدۇر». ئۇنىڭدىن يەنە «سىز يەنە مىكروسوفتقا قايتىپ، قايتىدىن رولنى قولىڭىزغا ئالامسىز» دەپ سورالغىنىدا، ئۇ مۇنداق دېگەن:« ياق، ئۇ مېنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپەم، مېنىڭ خىزمىتىم بۇ يەردە».
نۆۋەتتە، گېيتىس فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى 37 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى ئۇنىڭ يېقىن دوستى، كاتتا مەبلەغ سالغۇچى باففتتىن كەلگەنىكەن.
|