بىر قېتىم بىر سودىگەر بىر يۈەنلىك تەڭگە پۇلنى قېرىنداش ساتقۇچىنىڭ قاچىسىغا سېلىپ قويۇپ، مېتروغا چىقىش ئۈچۈن ئالدىراپ يۈرۈپ كېتىپتۇ. سودىگەر مېترو بېكىتىنىڭ ئېغىزىغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ ياخشى قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قېرىنداش ساتقۇچىنىڭ يېنىغا بېرىپ، قاچىدىن بىر نەچچە قېرىنداشنى ئېلىپ، خىجالەت بولغان ھالدا چۈشەندۈرۈپ:
< ئالدىراشلىقتا پۇلنى تاشلاپلا قېرىنداش ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، كۆڭلىڭىزگە ئالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، سىزمۇ ماڭا ئوخشاش سودىگەر، سىزنىڭ باھاسى ئېنىق ساتىدىغان نەرسىلىرىڭىز بار، مەنمۇ دەل مۇشۇنىڭغا ئېھتىياجلىق، > دەپتۇ.
بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، بىر ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنىدا رەتلىك كىيىنگەن بىر مال ساتقۇچى بۇ سودىگەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
< سىز مېنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، سىزنىڭ ئىسىم - شەرىپىڭىزنى بىلمىسەممۇ، سىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن، سىز ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلدىڭىز، ئىلگىرى مەن ئاددىي بىر قېرىنداش ساتقۇچى ئىدىم، سىز ماڭا ئۆزۈمنىڭ بىر سودىگەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردىڭىز، > دەپ تەشەككۈرىنى ئېيتىپتۇ.
توغرا كېلىپ قالغىنى، كېيىن دەل ئاشۇ قېرىنداش ساتقۇچى ھېلىقى سودىگەرنىڭ بېسىلىپ قالغان مېلىنى سېتىپ چىقىرىشقا ياردەم بېرىپتۇ.
تىجارەت ھېكمىتى: ھەر بىر ئادەمنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن ئىقتىدارى بولغان بولىدۇ، ئەگەر سىز پىسخىكا، ئەخلاق، جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدار، روھىي جەھەتتىن ياردەمگە موھتاج كىشىلەرنى قوللىسىڭىز، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا تىجارىتىڭىزنىڭ روناق تېپىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
|