ساغلام ئادەملەرنىڭ سۈيدۈكى كۆپىنچە سۇس سېرىق، سۈزۈك كېلىدۇ. سۇنى جىق ئىچكەنسېرى رەڭگى سۇسلىشىدۇ.
قىزىل رەڭلىك سۈيدۈك: قان رەڭگىدىكى سۈيدۈك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ. ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى، بۆرەك سىلى، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش قېتىش، ئۆسمە قاتارلىقلار. قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان قانلىق سۈيدۈك ھەرىكەت خاراكتېرلىك قانلىق سۈيدۈك ھېسابلىنىدۇ. فېنول تۈرىدىكى دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندىمۇ قىزىل رەڭلىك سۈيدۈك پەيدا بولىدۇ، بىراق دورا يېيىشنى توختاتقاندىن كېيىن نورمال ھالەتكە قايتىدۇ.
ئاق رەڭلىك سۈيدۈك: خىلۇس سۈيدۈكى ياكى تۈز سۈيىدىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۈترەڭ خىلۇس سۈيدۈكى قىل قۇرت كېسىلىنىڭ ئالامىتى. قىش پەسلىدە بالىلار تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، سۈيدۈكتىكى فوسفاتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تېزلىشىپ، ئاق رەڭلىك تۇز سۈيدىكى پەيدا بولىدۇ.
سۇنى كۆپ ئىچكەندە ۋە تېمپېراتۇرىنى مۇۋاپىق ساقلىغاندا تەدرىجىي يوقاپ كېتىدۇ. يىرىڭلىق سۈيدۈك ــ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مايلىق سۈيدۈك كۆپىنچە دىئابېت كېسەللەردە ياكى سۆڭەك سۇنغاندا كۆرۈلىدۇ.
سېرىق رەڭلىك سۈيدۈك: سۈيدۈكتە بىلىرۇبىن، ئۇروبىلىن تەركىبى كۆپ بولۇپ كەتسە، قېنىق سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. چۈنكى، ۋېتامىنB2، ئاتېبرىن، مېترونىدازول، رەۋەن، خۇاڭئېر قوۋزىقى قاتارلىق دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا، سۈيدۈك رەڭگى قېنىق سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، بىراق دورا يېيىشنى توختاتقاندىن كېيىن، نورمال ھالەتكە كېلىدۇ.
بېغىرەڭلىك سۈيدۈك: جىگەر ياللۇغى، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك ياللۇغى، دادۇر كېسىلى بولغان ۋاقىتتا كۆرۈلىدۇ.
قارا رەڭلىك سۈيدۈك: بۇ بىر قەدەر ئاز كۆرۈلىدۇ. ھاك كىسلاتاسىدىن زەھەرلەنگەن، يامان سۈپەتلىك بەزگەك كېسىلى بولۇپ قالغان، قارا پىگمېنىت ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا قارا رەڭلىك سۈيدۈك بولىدۇ.
كۆك رەڭلىك سۈيدۈك: كۆك رەڭلىك ئوكۇلنى ئۇرغاندا ياكى ترىئامىترېننى ئىچكەندە پەيدا بولىدۇ. بىراق داۋالىنىشنى توختاتقاندىن كېيىن نورمال ھالەتكە كېلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.