مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2087 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىدە ئانچە ھېس قىلالمايمىز، شۇڭا ئاسانلا سەل قارىلىدۇ، كۆپىنچە بىمارلار ئىنتايىن بىئارام ھېس قىلىدۇ، ئاندىن دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنسە ئاندىن ئۆزىنىڭ بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ھەتتا ھاياتىغىمۇ خەۋپ يىتىدۇ،

بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرى؛

1.بەدەندە كۈچ يوق. بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى بولمىغاندا ، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار ۋە ئەخلەتلەرنىڭ سۈيدۈك بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىشى تەسكە توختايدۇ، شۇنىڭ بىلەن روھسىزلىنىش ئالامەتلىرى ، ھېرىپ چارچاش، كۈچسىزلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بېيجىڭ بۆرەك كېسەللىكلەر بۆلۈمى مۇدىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۆرەكتىن مەسىلە كۆرۈلسە ئاقسىل قاتارلىق يۇقىرى ئوزۇقلۇق ماددا سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بەدەن ئاجىز بۇلۇش ، ھارغىنلىق كېلىپ چىقىدىكەن.

2. ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، بۆرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا ھەرخىل ھەزىم قىلىش يوللىرى كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ، بولۇپمۇ، ئاشقازان ئۈچەيدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك، قورساق كۆپۈش ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىشى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.

3.كۆڭلى ئېلىشىشى ،ياندۇرۇش. دىيابېت بىمارلىرىدا بۆرەك ئاجىزلا ش كۆرۈلگەندە، قاندىكى ئورىيە ئازوت يۇقىرىلاپ كېتىدۇ، ئۈچەي يوللىرىدىكى باكتېرىيەلەر ئورىيە ئېنزىمىدىن فېنالگېن ئاجرىتىپ چىقىرىپ ئاشقازان ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى غىدىقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلى ئېلىشىشى ،ياندۇرۇش كېلىپ چىقىدۇ، بۇ چاغدا بۆرەكتە سۈيدۈكنىڭ قۇيۇلۇش ئىقتىدارىدا چېكىنىش يۈز بېرىپ كېچىدە تولا ھاجەتخانىغا چىقىشقا مەجبۇرلايدۇ،

4. كىچىك تەرەتتە مازغاپ كۆرىلىدۇ، سۈيدۈكتە كۆپۈكچە، مازغاپ كۆرۈلۈشنىڭ سەۋەبى بەك كۆپ، بۆرەكتە كېسەللىك كۆرۈلگەندىمۇ شۇنداق ئەھۋال كۆرىلىدۇ، ئەگەر ئاقسىل سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەندىن چىقىپ كەتكەندىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

5.سۈيدۈك ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى نورمال بولماسلىق، ساغلام ئادەمنىڭ ھەر كۈندىكى سۈيدۈك قېتىم سانى تەخمىنەن 4-6 قېتىم، سۈيدۈك مىقدارى بولسا 800-2000 مىللىگىرام. ئەگەر سۈيدۈك قېتىم سانى ياكى سۈيدۈك مىقدارى يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

6. سۈيدۈك ئاقسىلى بىلەن سۈيدۈك قان ئارىلاش كېلىش، سۈيدۈك تەركىبىدە ئاقسىل ياكى قان ئارىلاش كەلسە، بۇ بۆرەك كېسەللىكىنىڭ ئالامىتى بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈڭ، بىراق بەزى دوختۇرخانىلاردىكى بۆرەك مەخسۇس كېسەللىكلىرى ئەمەس دوختۇرلار بۇنىڭغا سەل قارايدۇ،

7.قان ئازلىق. ئەمەلىيەتتە بۆرەك بولسا كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاشتىن باشقا يەنە قان ئىشلەپچىقىرىدىغان ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە، شۇڭا قان ئازلىقمۇ بۆرەك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.

8. يۇقىرى قان بېسىم. يۇقىرى قان بېسىم بەلكىم يۇقىرى قان بېسىملىق بۆرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلىشى مۇمكىن، شۇڭا يۇقىرى قان بېسىم بار بىمارلار كۆپ دىققەت قىلىشى كېرەك، ئەلۋەتتە، بۆرەك كېسىلىمۇ يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

9. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ، قاندا سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپىيىش كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ يۇقىرى بولۇپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، قاندا سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولغاندا ئاسانلا بۆرەككە يىغىلىپ قېلىپ بۆرەك ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

10. سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، دائىم سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىپ قالغان كىشىلەر، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، بۆرەك ئىقتىدارنىڭ ئاجىز بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.