سۈيدۈكتە قان ئۇيۇش بولسا: قان سىيىش كېسەللىكىدىن كېيىن ياكى تاياق تەككەن ۋە يىقىلغاندىن كېيىن يۈز بىرىدىغان بىرخىل كېسەللىك ئالامىتىدىن ئىبارەت.
ئاساسلىق ئىپادىللىرىدىن: ھوشۇدىن كېتىش، ئىچى تىتىلداپ بىئارام بولۇش، تومۇرى ئىنچىكە، تېز، چۆكمە ھالەتتە سوقۇش، قول-پۇتلىرى سۇغۇق، بەدەن تىترەش قاتارلىقلار بۇخىل كېسەللىكنىڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر.
داۋالاشتا: سۈيدۈكتىكى قاننى ئېرىتىش مەقسىتىدە چارە قىلىنىدۇ. ناۋادا سۈيدۈكلۈكتىكى قان ئېرىمىسە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ئۇششاق تاشلارنى ئەزگۈچى دورىلارنى ئىستىمال قىلدۇرۇش لازىم. پەقەت ئامال بولمىغاندا ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق قان نوكچىسىنى ئېلىۋېتىش لازىم.
غېزاسىغا: قارا نۇقۇت، قوۋزاق دارچىن قاتارلىقلارنى سېلىپ تەييارلانغان توخۇ، باچكا شورپىلىرىنى بېرىش پايدىلىق.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.