مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2271 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئەگەر بۆرەكتىن چاتاق چىقسا ، سۈيدۈك چىقىرىشمۇ تەسكە توختايدۇ، يەنە قاپاق ، پۇتلار ئىششىپ قېلىشتەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ، ئەڭ ياخشىسى بۆرەككە زىيانلىك يېمەكلىكنى يېمەي ،تاماقتىن پەرھىز قىلغان ياخشى.

قىزىلمۇچ؛ قىزىلمۇچنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولسا كاپزائېستىن بولۇپ بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى پارچىلايدۇ، شۇڭا ، قىزىلمۇچ بولسا بۆرەكنى ساغلام قىلىدىغان يېمەكلىك.

تۇخۇم ئاقسىلى؛ تۇخۇم ئاقسىلى بولسا بەدەندە ئاقسىل ۋە فوسفور كەمچىل بولغاندا تۇلۇقلايدۇ، بىراق ئاقسىل تۇلۇقلىغىنى بىلەن فوسفور ماددىسى بەكلا تۆۋەن.

شىلەنخۇا؛ ئاساسلىق تەركىبى ۋىتامىن، مېنىرال ماددا، خىلوروفىل، كاروتىن قاتارلىق مول ئۇزۇقلۇق ماددىلىرى بار، شىلەنخۇۋا تەركىبىدە يەنە ئىدول، رودانىت قاتارلىق تەركىبلەرمۇ ئىنتايىن مول، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەندىكى زەھەرنى تازلايدۇ، بۆرەكنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ، شىلەنخۇۋانى ئاددىي يىيىش ئۇسۇلى بولسا پىشۇرغاندىن كېيىن ئازراق تۇز سىپىپ يىيىش.

كاللەكبەسەي؛ كاللەكبەسەي تەركىبىدە مول بولغان ۋىيتامىن C،E، كاروتىن قاتارلىق ماددىلار بار، ۋىيتامىن مىقدارى چەيزىنىڭكىدىن 3 ھەسسە يۇقىرى، كاللەكبەسەينىڭ بۇ خىل مول ئۇزۇقلۇق ماددىلار بەدەندىكى ئەركىن رادىكالنى يوقىتىدۇ، بۇنى ئەڭ ياخشىسى سوغۇق سەي قىلىپ يىگەندە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ.

بېلىق گۆشى؛ بېلىق گۆشى ئاساسلىق ياللۇغلارغا قارشى تۇرۇش نىسپىتى يۇقىرى بولۇپ، بۆرەكنى ئاسراش ئىقتىدارىغا ئىگە، بېلىق گۆشى يەنە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ كېلىش مەنبەسى.

مېۋە شەربىتى؛ مېۋە شەربىتى، كۆكتات شەربىتى ھەممىسى بەدەندىكى زەھەرنى تازلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، مېۋە شەربىتى تەركىبىدە يەنە مول بولغان ئۆسۈملۈك، خېمىۋىيلىك تەركىپلەر بار بولۇپ، بۇ بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.