مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 737 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

سۈيدۈك چۆكمىسى: سۈيدۈك ئىچىدە لەيلەپ كېيىن ئاستىغا چۆكمىدىغان پاختا، لاي ياكى شور، تۇزغا ئوخشايدىغان نەرسىلەر سۈيدۈك چۆكمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. سۈيدۈكتىكى بۇ خىل سۆكمىلەر كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ھەرخىل بولىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى دىياگنوز ئىلمىدە سۈيدۈك چۆكمىسى سۈيدۈك سۇيۇقلۇق تەركىبىدىن ئاجرىلىپ تۇرغان بىر خىل جىسىم دەپ تونۇلىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

1. چۆككەن چۆكمە: سۈيدۈكنىڭ تېگىگە چۆكىدىغان چۆكمە.

2. لەيلىگەن چۆكمە: سۈيدۈكنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا لەيلەپ تۇرىدىغان چۆكمە.

3. ئۈزۈپ يۈرىدىغان چۆكمە: سۈيدۈك ئىچىدە بۇلۇتتەك ئۈزۈپ يۈرىدىغان چۆكمە.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.