تۇنۇش: ھەر خىل سەۋەپلەردىن دوۋساق توقۇلمىلىرى ياللۇغلىنىپ، كىلىنىكىدا سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپۈيۈش، سۈيدۈك قىستاش، سىيگەندە ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خارەكتېرلىك كېسەللىك.
دوۋساق ياللۇغى ئۇيغۇر تىبابەت كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە ئىلتىھابى مەسانە دەپ ئاتىلىدۇ.
سەۋەبى:
1. ياللۇغلانغان قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
2. تۇخۇم سېرىغى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
3 .زەڭگارەڭ سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
4. شورلۇق بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
5. سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
6. دوۋساق تاش كېسەللىگى، سۈيدۈك يول ياللۇغى، بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
كېلىنكىلىق ئىپادىسى: سۈيدۈك قىستايدۇ، دوۋسۇن ساھەسى چىڭقىلىپ ياكى سانجىلىپ ئاغرىيدۇ، يۇقۇرى قىزىتما بولىدۇ، سىيىش قىيىنلىشىدۇ، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىدۇ ياكى سۈيدۈك تۇتىلىدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ.
دىئاگىنوز ئاساسى
1. تىپىك كېلىنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن
2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش:
(1)قان تەكشۈرۈش: ئاققان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپۈيىدۇ
(2) سۈيدۈك تەكشۈرۈش : سۈيدۈكتە ئاققان ھۈجەيرىسى ۋە قىزىلقان ھۈجەيرىسى تېپىلىدۇ.
سېلىشتۇرما دىئاگىنوزى:
1. سۈيدۈك يولى ياللۇغىدىن پەرىقلەندۈرىلىدۇ.
2. مەزى بېزى ياللۇغىدىن پەرىقلەندۈرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.