ئاق رەڭلىك سۈيدۈك: ھۆل مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن سۈيدۈكنىڭ رەڭگى ئاق كېلىدۇ. غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئاغرىقلاردا ھارارەت مېڭىگە يېتىپ بارغاندا سۈيدۈك ئاق، سۈزۈك بولۇپ، تېگىدە چۆكمىسى بولمايدۇ. بۇ ، سەپرا خىلىتىنىڭ (قۇرۇق ئىسسىق) ماي بىلەن بىرىككەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما بۇ چاغدا ئۈچەەيدە يارا پەيدا بولۇش خەۋپى بولىدۇ. ئاغرىقلارنىڭ سۈيدۈكى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆزگەرمەي ئاق كەلسە، مېڭە ساغلاملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بەلغەم ماددىسى كۆپ بولسا سۈيدۈك مەنىيدەك ئاق، قويۇق ۋە شىلىمشىق كېلىدۇ. بۇ، پالەچ ۋە تارتىشىپ قېلىش كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سېرىق كۆپۈك بولسا يامانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. سۈيدۈكنىڭ رەڭگى يۇقىرىقىدەك بولۇپ، بەلغەمدىن بولغان كېسەللىك بەلگىلىرى كۆرۈلسە، سالامەتلىكنىڭ نىشانى بولۇپ، سۈرگە بېرىش بىلەن ساقىيىپ كېتىدۇ. سۈيدۈكنىڭ ئاق ۋە ياغلىشاڭغۇ بولۇشى بەدەندىكى مايلارنىڭ ئېرىشى ھەم بۆرەك ئاجىزلىقى يۈز بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.