مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 692 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

قارا رەڭلىك سۈيدۈك: سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قارا بولۇپ، بەش كۈنگىچە ئۆزگەرمىسە، كېسەللىك ئاقىۋىتىنىڭ يامانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر قارىغا مايىل سۈيدۈكنىڭ چۆكمىسى تېگىدە بولماي ئۈستىدە بولسا ئاقىۋىتىنىڭ ياخشىلىقى. سۈيدۈك قۇيۇق بولسا ماددىنىڭ خاملىقى ۋە قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر بۇ ھال كېسەللىكنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يۈز بېرىپ، چۆكمە سۈيدۈكنىڭ تېگىگە چۆكۈپ، ئۈستىدە قارا كۆپۈك بولسا بۇ مېڭە ئىششىغانلىقى ۋە ئۆلۈم يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قارا سۈيدۈك ئۈستىدە كۆپۈكنىڭ بولۇشى باش ئاغرىش ۋە جۆيلۈشكە سەۋەبچى بولىدۇ. بۇ، بۇرۇن قاناش بىلەن تۈزۈلۈپ كېتىدۇ. قارا رەڭلىك سۈيدۈك زاك رەڭگىدە بولسا ماددىنىڭ خاملىقىنى بىلدۈرىدۇ. سۈيدۈك قارا، قويۇق بولۇپ ھەمدە چۆكمە لەيلىگەن، چېچىلاڭغۇ بولسا ب ۋە بەدەن ئېغىرلاشسا، بۇرۇن قاناشنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھال قارا كېزىك (ئەسۋىلىك كېزىك) تە كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەگەر قارا كېزىك غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغان بولسا، بۇ بەلگە قان خىلىتىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. قۇلاق ئېغىرلىقى بىلەن كەلسە، ماددىسىنىڭ پىشمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كۆكرەك پەردە ياللۇغىدا سۈيدۈكنىڭ قارا كېلىشى ئۆلۈمنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سۈيدۈەك قارىغا مايىل سۇيۇق بولسا ئاغرىقنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سېرىق كېسەلنىڭ سۈيدۈكى قارا بولسا كېسەللىكنىڭ ياخشىلىنىشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر قارا سېرىق قىزغۇچ، كۆپۈكسىز بولسا كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قىزىل بولۇشى ھارارەتنىڭ بەلگىسى، قارا بولۇشى ماددا كۆيۈپ تەبىئەتنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. كۆپۈك بولماسلىقى ئۆتۈش يوللىرىنىڭ توسۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ساغلام كىشىلەردە سۈيدۈك بىرنەچچە كۈن قارا كەلسە، بۆرەككە تاش ئورۇنلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چوڭ تەرەت بىلەن سۈيدۈكنىڭ بىردەك قارا بولۇشى سەپرا خىلىتى ياكى سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆيگەنلىكى، ھارارەت تۆۋەنلەپ تەرلىمىگەنلىكىنى كۆسىتىدۇ. يالغۇز چوڭ تەرەتنىڭلا قارا كېلىشى ئىچكى ئەزالاردا قاناش بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.