سۈيدۈكنىڭ ئاز-كۆپلۈكى: تەشنالىق بولماي تۇرۇپ سۈيدۈكنىڭ كۆپ كېلىشى بەدەندە نەملىك ۋە سۇيۇقلۇقنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈۈرىدۇ. ئۈچەي كېسەللىكىدە سۈيدۈكنىڭ قويۇق ھەم كۆپ كېلىشى كېسەللىكنىڭ تېز ساقىيىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. سۈيدۈك مىقدارىنىڭ كۆپ ۋە رەڭلىك كېلىشى ئىسسىقلىق ئالامىتى بولۇپ، ئانچە خەتەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئىسسىقلىق بولغاندا ماددا ئاسان پىشىدۇ. قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردە سۈيدۈك ئاز ۋە تەستە كەلسە، كېسەلنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تامچىلاپ ياكى ئىختىيارسىز كەلگەن سۈيدۈك مېڭىگە ئاجىزلىق يەتكەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەقىل بۇزۇلغانلىق ۋە جۆيلۈش ياكى مالىخولىيا كېسەللىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. سۈيدۈكى ئاز كىشىلەردە بۇرۇن قاناش يۈز بەرسە، قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بەدەن ھارارىتى يۇقىرى بولسا بەدەندىكى سۇ پارغا ئايلىنىپ، نەتىجىدە سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىدۇ. سۈيدۈك يوللىرىدا توسالغۇ پەيدا بولغاندا، ئىچى سۈۈرۈش ۋە قۇسۇش كۆپ بولغاندا سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىدۇ. سۈيدۈكنىڭ ئازىيىشى سۇلۇق ئىششىقنىڭ ئالامىتى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.