سۈيدۈك يوللىرى (بۆرەك، سۈيدۈك كانىلى، دەۋساق، سۈيدۈك يولى )قاتارلىقلارغا تاش بولۇش كېسەللىكىدىن ئىبارەت.
سەۋەبى: ئىچكى بەزلەر خىزمىتى تەرتىپسىزلىنىش: يەنى قالقانبەز يانبېزى خىزمىتى كۈچىيىپ كەتكەندە قان تەركىبىدە كالتىسى ماددىسى بەك كۆپىيىپ كېتىپ سۈيدۈكتىكى كالتىسىي ماددىسى كۆپلەپ چىقىدۇ دە –تاش شەككىلىنىدۇ.
ئۇزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقى: يىمەكلىك ۋە ئىچىدىغان سۇ تەركىبى پاكىزە بولماسلىق (سۇ تەركىبىدە ئاھاك ۋە باشقا ئىرىگەن غەيرى تەركىبنىڭ كۆپ بولۇشى
يۇقۇملىنىشلار: سۈيدۈك يوللىرى يۇقۇملانغاندىن كېيىن جاراسىملار ۋە ئۇلارنىڭ ياللۇغلاندۇرۇلىشىدىن ھاسىل بولغان ئاجراتمىلار بەدەن ھارارىتىدە قۇرۇپ كاللەكلىشىپ تاش پەيدا بولىدۇ.
سۇددە (توسۇلۇش) سەۋەبىدىن : سۈيدۈك چىقىرىش سۇددىلەر .
مەسىلەن: سۈيدۈك يوللىرىنىڭ ئەگىرلىكى غەيرى شەكىلدە بۇلىشى. مەزىبېزى چوڭىيىش قاتارلىقلار .
تىپىك ئىپادىلىرى : بەل ئاغرىش، قۇسۇش، ئۇمۇمى بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئىپادىلەر كۈرۈلىدۇ.
داۋالاش: بەدەن ئۆتكۈر بولمىغان سۈرگۈ ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى بىرىش بەدەن تازىلىنىپ بولغاندىن كىيىن تاش ئىرىتكۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىنى تازىلاش لازىم. ناۋادا قەۋزىيەتلىك ئەھۋال كۆرۈلسە تەرەتنى يۇمشاتقۇچى دورىلارنى بېرىش كېرەك .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.