1. بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش تەرتىپىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ ، يەنە بۆرەككە سوغۇق ئۆتۈش ، يەللىك تاماقلارنى كۆپ يېيىش ، تولا يېتىۋېلىش ، بىر جايدا ئۇزاق ئولتۇرۇش ، كۆپ ئۇخلاش ، ھەرىكەت ئاز بولۇش ۋە باشقا يۇقۇملىنىش ، قاندىكى ياغ تەركىبىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ، قۇۋۋەتلىك ، تەستە ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى كۆپ يېيىش سەۋەبىدىن بۆرەككە تاش چۈشىدۇ .
2. قەنت ، شېكەر ، ناۋات ، ھەسەل ، مۇراببا ، كەمپۈت قاتارلىق تاتلىق ۋە شىرنىلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن بۆرەككە تاش چۈشىدۇ .
3. بەدەندە يىغىلىپ قالغان سۇيۇقلۇقلار بەك قويۇق ھەم يېپىشقاق بولسا ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولىدۇ ، يىغىلىپ قالغان سۇيۇقلۇق ماددىلار بەك قويۇق بولمىسا ، قۇم ھاسىل بولىدۇ .
4. ئۇزاق ۋاقىت تاماكا چېكىش ، ھاراق ئىچىش ، تۈنەش ، تاماقنى يەپلا ئۇخلاش ، كەچتە تاماقنى كۆپ يېيىشتىنمۇ بۆرەككە تاش چۈشىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.