مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 793 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

سۈيدۈك يوللىرى (بۆرەك، سۈيدۈك كانىلى، دەۋساق، سۈيدۈك يولى )قاتارلىقلارغا تاش بولۇش كېسەللىكىدىن ئىبارەت.

سەۋەبى: ئىچكى بەزلەر خىزمىتى تەرتىپسىزلىنىش :يەنى قالقانبەز يانبېزى خىزمىتى كۈچۈيىپ كەتكەندە  قان تەركىبىدە كالتىسى  ماددىسى بەك كۈپىيىپ كىتىپ سۈيدۈكتىكى كالتىسىي ماددىسى كۆپلەپ چىقىدۇ دە –تاش شەككىلىنىدۇ.

ئۇزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقى: يىمەكلىك ۋە ئىچىدىغان سۇ تەركىبى پاكىزە بولماسلىق (سۇ تەركىبىدە ئاھاك ۋە باشقا ئىرىگەن غەيرى تەركىبنىڭ كۆپ بولۇشى

يۇقۇملىنىشلار: سۈيدۈك يوللىرى يۇقۇملانغاندىن كېيىن جاراسىملار ۋە ئۇلارنىڭ ياللۇغلاندۇرۇلىشىدىن ھاسىل بولغان ئاجراتمىلار بەدەن ھارارىتىدە قۇرۇپ كاللەكلىشىپ تاش پەيدا بولىدۇ.

سۇددە (توسۇلۇش) سەۋەبىدىن : سۈيدۈك چىقىرىش سۇددىلەر .

مەسىلەن: سۈيدۈك يوللىرىنىڭ ئەگىرلىكى غەيرى شەكىلدە بولىشى .مەزىبېزى چوڭىيىش قاتارلىقلار .

يات جىسىملار: 

تىپىك ئىپادىلىرى: بەل ئاغرىش ،قۇسۇش، ئۇمۇمى بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئىپادىلەر كۈرۈلىدۇ.

داۋالاش: بەدەن ئۆتكۈر بولمىغان سۈرگۈ ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى بىرىش بەدەن تازىلىنىپ بولغاندىن كېيىن تاش ئىرىتكۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىنى تازىلاش لازىم. ناۋادا قەۋزىيەتلىك ئەھۋال كۆرۈلسە :تەرەتنى يۇمشاتقۇچى دورىلارنى بىرىش كېرەك.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.