مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1872 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

1. ئازراق سۈيدۈكىڭىزنى بىر ئىستاكان سۈزۈك سۇغا قويسىڭىز، ئەگەر سۇ يەنىلا سۈزۈڭ بولسا، ساغلام ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر دۇغلىشىپ قالسا ياكى ئۈستىدە ماي لەيلەپ قالسا، كۆپىنچە بۆرەك زەئىپلىكىنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ؛

2. سۇنى نورمال ئىچكەن شارائىتتا كېچىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق سىيگىلى چىقسىڭىز؛

3. سۈيدۈك كۈچسىز، تېمىپ چۈشسە؛

4. ئەتىگەن تۇرغاندا كۆز-قاپاقلىرىڭىزنى ئىششىپ قالغان بولسا؛

5. ئېغىر بىر نەرسە كۆتۈرمەي، بىنانىڭ ئۈچ قەۋىتىگە چىقىپ بولغىچە ئىككى پۇتىڭىزدا جان قالمىسا؛

6. ئورۇندۇقتا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرۇپ، تېلېۋىزور كۆرگەندە بېلىڭىز ئاغرىسا؛

7. ئاشخانىدا تاماق ئېتىپ بىر سائەتتىن ئارتۇق ئۆرە تۇرسىڭىز، ئىككى پۇتىڭىز تېلىپ كەتسە؛

8. ھەمىشە كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ياتقىڭىز كەلسە، مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشنى ياقتۇرمىسىڭىز، دىققىتىڭىز چېچىلىپ تۇرسا؛

9. چېچىڭىزنى يۇغاندا كۆپ چۈشۈپ كەتسە؛

10. كۆپ چۈش كۆرسە، چۈشىدە ھەم بەك ھارغىنلىق ھېس قىلسا، سەھەردە تۇرغاندا جانسىزلىق ھېس قىلسا؛

11. شامالدۇرغۇچ ئاستىدا ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىپ قويۇپ ئۇخلاپ، ئورنىدىن تۇرغاندا بېلى ئاغرىپ ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلسا؛

12. خەت يازغاندا ھەمىشە سۆز چۈشۈرۈپ قويسا ياكى خاتا يېزىپ سالسا؛

13. تېنى ئاجىزلاپ قالسا، كېچىدە ئۇخلىمىسا بولالماي قالسا؛

14. كۆپ ئۇيقۇسى كەلسە، لېكىن ئۇخلىيالمىسا، ئۇخلىغاندىمۇ قېنىپ ئۇخلىيالماي، تولا ئويغىنىپ كېچىدە رادىئو ئاڭلايدىغان ياكى كىتاب ئوقۇيدىغان ئادىتى بولسا؛

15. كۆزى تېز ئاجىزلاپ كېتىپ، بىردەم كىتاب ئوقىسا ياكى تېلېۋىزور كۆرسە، كۆزى چىڭقالسا؛

16. دېمەكچى بولغان گېپى ئېغىزىنىڭ ئۈچىدىن قېچىپ كېتىپ تاپالمىسا، ئۇنتۇغاق بولۇپ قالسا.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.