سېرىق رەڭلىك سۈيدۈك: سامان رەڭلىك سېرىق سۈيدۈك ھارارەتنىڭ مۆتىدىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. تۇرۇنجى رەڭلىك سۈيدۈك بىرئاز ئىسسىقلىققا مايىللىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. سېرىق سۈيدۈك سۇيۇق بولۇپ، تېگىدە پاختىدەك چۆكمە بولسا ھارارەتنىڭ ئۈستۈنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. زاك رەڭلىك (قىزغۇچ سېرىق) سۈيدۈك ئىسسىقلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، سېرىقلىق قىزىلغا مايىل بولغانسېرى ئىسسىقلىق كۆپ، سۇغۇقلۇقنىڭ مۇناسىپ ھالدا شۇنچە ئازلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. سۈيدۈكى دائىم قىزىل رەڭگىدە بولسا، سۈيدۈك ئۈستىدە لەيلىگەن چۆكمە بولمىسا، ئۇ ناھايىتى يامانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن ساغلام كىشىلەردە سۈيدۈكنىڭ سېرىق بولۇشى ئوزۇقلۇق ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ كەملىكىدىن بولۇپ، بۇنداق كىشىلەر ئورۇق كېلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.