مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 976 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە ، ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئېغىزنى پاكىز سۇ بىلەن چايقىۋەتسە ياخشى بولىدىكەن . ئالدى بىلەن ئېغىزنى پاكىز سۇ بىلەن چايقىسا ، چىش ئارىلىقى ، چىش مىلىكى قاتارلىق ئورۇنلاردا قېلىپ قالغان يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى ۋە شىلىمشىق نەرسىلەر تازىلىنىپ ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى بىلەن ماسلىشىش شارائىتى يارىتىلىدۇ . ئاندىن ئېغىزنى ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى بىلەن بىر مىنۇت چايقىسا ، ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاش ، مىكروب يوقىتىش ، چىشنى مۇستەھكەملەش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ ؛ ئاخىرىدا ، يەنە ئېغىزغا پاكىز سۇ ئېلىپ چايقىۋەتسە ، ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقىنىڭ قالدۇقىنى پاكىز چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ .

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.