ئىدىيە جەھەتتىن ئېغىز بوشلۇقى كېسىلىنى تېزگىنلەشكى ئېتىبار بېرىش كېرەك. قېنىق چايدا ئېغىز چايقاشتىن، فتوردىن پايدىلىنىپ چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىچە ، چىشنى سۈرتۈش ، چىشنى چېكىشتىن ، ئەتىگەن- كەچتە چىشنى چوتكىلاش ، تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاش ، چىش مىلىكىنى ئۇۋىلاشقىچە ،ھەممىسى چىش چىرىشنىڭ ، چىش ئەتراپى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش يەنە ھەر خىل ئەگەشمە كېسەل ۋە ئىككىلەمچى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ناۋادا چىرىگەن چىشنى ۋاقتىدا داۋالاتسا ، چىش يىلىك كېسىلى . چىش يىلتىز ئۇچى كېسىلى ۋە باشقا چىش مەنبەلىك كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يەنە مەسىلەن؛ ئېغىز بوشلۇقى راكىدىن بۇرۇنقى زەخمىلىنىش (ئاق داغ . قىزىل داغ ) قاتارلىقلارنى ياكى 3746784 ئۆسمە پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغان ۋاقىتتا چوقۇم دەسلەپكى باسقۇچىدا داۋالاش ياكى قاتتىق كۆزىتىش ئارقىلىق يامان سۈپەتكە ئۆزگىرىشنى تېزگىنلەش كېرەك. ھەرىكەت جەھەتتە تىرىشىپ مەشىق قىلىش كېرەك . ئۇۋۇلاپ ساقلىقنى ساقلاشنى داۋاملاشتۇرۇش يۈز يۇيۇش تازلىقىنى ياخشىلاشتىكى بىر ياخشى ئادەت . ئۇنىڭ قېتىم سانى ، سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى ، سۇنىڭ سۈپىتى چوقۇم يۈز قىسمىدىكى تېرە ، مۇسكۇل ، چېكە، جاغ بوغۇمى قاتارلىقلارنىڭ قان ئايلىنىشىن ساقلاپ ،سالامەتلىكنى ياخشىلاشقا ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈنۈمىگە يېتىشى كېرەك . يۈزىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇۋۇلاتسا ، ئىككى قولىنى جۈپلەپ ، بۇرۇن قانىتىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن باشلاپ ئۈستىگە ئىتتىرىپ پىشانىگىچە ئاپىرىش ئاندىن ئىككى قولنى ئايرىپ مەڭزىنى بويلاپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈش 50قېتىم تەكرارلىنىدۇ. يۈزىنىڭ بوش قىزىغانلىقىنى ھېس قىلىش چەك قىلىنىدۇ. يۈزىنى ئۇۋىلىغاندا قوۋۇزنى كۆپتۈرۈپ ئۇۋىلاش بۇنىڭ ئۇسۇلى ئېغىزنى چىڭ يۇمۇپ قوۋۇزنى كۆپتۇرگەندىن كېيىن . بىر قولىنىڭ باش بارمىقى ياكى قالغان تۆت بارماق بىلەن قوۋۇزنى قىزىغانغا قەدەر يىنىك ئۇۋىلاش ، بۇ قوۋۇز قىسمىدىكى مۇسكۇل ۋە گۈرەن بەز نەيچىسىگە نىسبەتەن ساقلىقنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. يەنە ئېغىزنى يۇمۇپ بۇرۇن بىلەن نەپەسلىنىش كېرەك ئېغىز بىلەن نەپەسلىنىش كېرەك ئىغىز بىلەن نەپەسلىنىش ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى ،چىش ، چىش ئەتراپى توقۇلمىللىرىغا نىسبەتەن زىيانلىق ،شۇڭا ئادەتتە ئېغىزنى يۇمۇپ بۇرۇندا نەپەسلىنىش لازىم. ئېغىزدا تۈزىتىپ چىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسىتىگە يېتىش لازىم. ئوزۇقلىنىشنى تەڭشەشكىمۇ دىققەت قىلىش ، تاماقنىڭ ئىسسىق – سوغۇقلۇقى مۇۋاپىق بولۇش ، زىيادە سوغۇق تاماقنىڭ چىشنى غىدىقلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك . قەنىتلىك يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش . ئامال بار تاماكا چەكمەسلىك ، ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىك قاتارلىقلار چىش چىرىشنىڭ ۋە ئېغىز راكىدىن بۇرۇنقى زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرىدۇر. ساغلاملىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ يىيىش ، چاي ئىچىش ياكى قېنىق دەملەنگەن چايدا ئېغىز چايقاشنىڭ چىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار. ھايۋانلارنىڭ جىگىرى ، ھەسەل ، ئادەمگىياھ ، تۇخۇم ، سامساق ، موگۇ ۋە تالا تەركىبى كۆپ يىمەكلىكلەر كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ساغلاملىقنى قوغدايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدكى بەزى يىمەكلىكلەرنىڭ يەنە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. ئالما، ئاپلىسىن ، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەرمۇ چوقۇم ئىستىمال قىلىشقا تېگىشلىك يىمەكلىگىدۇر. يۇقىرقى يىمەكلىكلەر پەقەت سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماي. يەنە ئېغىز بوشلۇقى توقۇلمىللىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە كىسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ پايدىلىق .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.