مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 896 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

كۆپلىگەن كىشىلەر چىش تارتقۇزغاندىن كىيىن دەرھال سۈنئىي چىش سالدۇرمىغانلىقىغا قايغۇردۇ .چىش كەم بولسا پەقەت يىمەكلىكلەرنى چايناشقا تەسىر يەتكۈزۈپ قالماستىن بەلكى يەنە تەنگىمۇ پايدىسىز،ھەمدە ھۆسنىگە ،گەپ قىلشىغا ۋە ئىجدىمائىي پائالىيەتلەرگىمۇ تەسىر يەتكۈزۈپ كىشىلەرگە بەلگىلىك روھى ئازاپ كەلتۈرىدۇ . ئەمىليەتتە چىشنى تاتقاندىن كىيىن دەرھال سۈنئىي چىش سالسا چىش كەمتۈك بۇلۇش باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ . دەرھال سۈنئىي چىش سېلىش دىگىنىمىز ، بىمار چىش تاتقۇزغاندىن كىيىنلا دەرھال سېلىنغان چىشنى كۆرسىتىدۇ . سۈنئىي چىش ھەم پۈتۈن ئېغىزغا ئىشلىتىلىدۇ .ھەم قىسمەن ئورۇنغا ئىشلىتىلىدۇ .ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئالدى بىلەن دەرھال ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي چىش ئىشلىتىپ نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كىيىن چىش تارتىلغان ئورۇننىڭ يارىسى پۈتۈنلەي ساقىيىپ چىش ئوقۇر سۆڭىكىنىڭ سۈمۈرلىشى تۇراقلاشقاندا ئاندىن ئۇزۇن مۇددەتلىك سۈنئىي چىش ياسىلىدۇ ، دەرھال سېلىنغان سۈنئىي چىشنىڭ تۆۋەندىكىدە پايدىسى بار :يۈزنىڭ تۆۋەنكى 3/1 قىسمىنىڭ سىرىتقى شەكلى ۋە يۈز مۇسكۇل قۇۋۇزتىل يۇمشاق يۇقۇلمىلىرى ۋە چىكە تۆۋەنكى جاغ بۇغۇمىنىڭ فىزىئولوگىيلىك ئورنىنى ساقلايدۇ .بىارنىڭ يۈز قىسمىنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرىدۇ ، بىمارنىڭ خىزمەت ۋە ئىجدىمائىي ھەركىتىگە پايدىلىق بۇلۇپ نورمال گەپ قىلىش ،چايناش فۇنكىسيىسىگە قولايلىق بېسىپ قان تۇختاتقاندا جاراھەت ئاسىراش يارىنىڭ تۇتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . دەرھال سېلىنغان سۈنئىي چىشنىڭ فونكىسيىلىك غىدىقلىشى چىش ئۇقۇرى سۆكىنىڭ سۈمۈرلىشىنى ئاستىلىتىپ چىش ئۇقۇرى سۆڭىكىنىڭ شەكلىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئۇزۇن مۇددەتلىك چىشنى ياساشقا پايدا يەتكۈزىدۇ .

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.