مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 828 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزاسىدىكى كېسەللىكنى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. ساغلام كىشىلەرنىڭ كالپۇكى قىزىل، سىلىق، يۇمشاق ۋە پارقىراق كېلىدۇ. قېنى ئاز كىشىلەرنىڭ كالپۇكى سۇس قىزىل ياكى ئېقىش، تاتىراڭغۇ كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئۆپكە كېسەللىكى بار كىشىلەرنىڭ كالپۇكى كۆكۈش كېلىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر كالپۇكىنىڭ رەڭگىگە قاراپ مۇۋاپىق داۋالىنىش لازىم.

ساغلام كىشىلەرنىڭ كالپۇكىنىڭ قىزىل، سىلىق، پارقىراق بولۇشى ئاساسەن، ئېغىزدىكى شۆلگەي بېزى بىلەن تېرە ماي بەزلىرىنىڭ نورمال خىزمەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ كالپۇكى كۆپىنچە سوغۇق ھاۋا ياكى قۇرغاق شامالنىڭ تەسىرى بىلەن يىرىكلىشىپ، ئېغىز جاۋغايلىرى يېرىلىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئاسانلا قانايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا كالپۇكىنى مايلاپ تۇرۇش ئىنتايىن زۆرۆر. بەزى كىشىلەر ئادەتتە كالپۇكىنى ئاسراش ئۈچۈن گلىتسېرىن سۈركەيدۇ. لېكىن، سام گلىتسېرىننى بىۋاسىتە سۈركەشكە بولمايدۇ. گلىتسېرىنگە 50 پىرسەنتلىك پار سۈيى ياكى سوۋۇتۇلغان قايناق سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ سۈركەش مۇۋاپىق. ئەگەر گلىتسېرىن ئىشلىتىشنى خالىمىسا، مەخسۇس كالپۇكقا سۈركەيدىغان سىقما مايلارنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. ھەسەلنىڭمۇ كالپۇكنى ئاسراشقا ناھايىتى چوڭ رولى بار. شۇڭا، كالپۇك يېرىلىپ كەتكەندە ھەسەل سۈركىسە، كالپۇك ئاسانلا ئوڭشىلىپ قالىدۇ. كالپۇكى دائىم يېرىلىپ كېتىدىغان كىشىلەر تەركىبىدە ۋىتامىنB6 ماددىسى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشى لازىم.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.