مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 682 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئېلۋەتكىلى بۇلىدىغان يالغان چىشنى ھەر كۈنى يۇيۇپ ،دائىم دىزىنفىكسىيە قىلىپ پاكىز ساقلاش كېرەك.ئەگەر يۇيۇش ،دىزىنفىكسىيە قىلىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا پىلاستىما ۋە مىتال يۈزنىڭ پارقىراقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ يالغان چىش سېلىش ۋە ئېغىز تازلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .يالغان چىشنى يۇيغاندا ئادەتتە تۈكى يۇمشاق چىش چوتكىسىغا ئازىراق چىش پاستىسى ياكى سۇپۇن سۈيى سىقىپ يالغان چىشنىڭ يۈزىگە چاپلىشىۋالغان نەرسىلەرنى يىنىك يۇيۇپ چىقىرۋەتسىلا بۇلىدۇ .ھەرگىز كۈچلۈك كېسلاتا ،كۈچلۈك ئىشقارلىق نەرسىلەر بىلەن يۇيماسلىق ،يالغان چىشنىڭ مىتال قىسمىنى چىرتىشتىن ساقلىنىش لازىم .يالغان چىشنى دىزىنفىكسىيلىگەندە ،بازاردا سېتىلۋاتقان «ئالتۇن يۇلتۇز»،«84»قاتارلىق سۇيۇقلۇققا مۇۋاپىق سۇ قۇشۇپ بەشتىن ئون مىنۇتقىچە چىلاپ ئاندىن پاكىز سۇ بىلەن چايقاش كېرەك .ھەركىز قايناق سۇغا سالماسلىق ،قازان چۈمۈچ يۇيدىغان سىم ياكى قۇم قەغەزنى سۈركىمەسلىك ،پىچاق بىلەن چىرماسلىق سۈلياۋ يۈزىنىڭ زىيانغا ئۇچىراپ ،مەينەت نەرسىلەرنىڭ يۈزىگە چاپلىشىۋېلشىدىن ساقلىنىش لازىم .يىغىنچاقلىغاندا ،پەقەت يالغان چىشنى توغرا ئۇسۇلدا دىزىناىكسىيلەپ يۇغاندا ،ئاندىن تازلىقنى ساقلاپ ،ئۇزاق ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.