جاغنىڭ غەيرى بولۇشى تۇغما سەۋەبلەردىن سىرت يەنە بىر قىسىم ئادەتلەر بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك .
1. بالىنى ئېمىتكەندە بوۋاقنىڭ ئېمىش ھالىتى بىلەن سوسكىنىڭ ئورنى توغرا بولماسلىق ، مەسىلەن؛ بوۋاق تۈز ياتقاندا سوسكا يۇقىرقى جاغ سۆڭەكنى باسىدۇ. بوۋاق تۆۋەنكى جاغ سۆڭىكىنى ئالدىغا سوزغاندىلا سۈتىنى ئېمەلەيدۇ. بۇخىل ئەھۋال ئۇزۇن ۋاقت داۋاملاشسا ،ئاستىنقى سۆڭەك ئالدىغا 351 چىقىپ ئۇدۇل چىش تەتەر چىشلىشىدىغان (تۆۋەنكى چاغدىكى چىشلار يۇقىرقى چاغدىكى چىشلارنى ئورايدىغان ) غەيرى شەكىل ھاسىل بولىدۇ. ئېمىتىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى بوۋاقنى تۈز ئولتۇرغۇزۈپ ، سوسكا بىلەن ئۈستۈنكى جاغ سۆڭەكنى زىيادە بېسىۋەتمەسلىك كېرەك
2.ئۇخلاش ھالىتى توغرا بولماسلىق ؛ بىر تەرەپنىلا بېسىپ يېتىش ،قول ياكى مۇشتۇمنى يۈزگە يېقىپ ئۇخلاش ، دۈم يېتىشلارنىڭ ھەممىسى بېسىلغان ئورۇننىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، يۈزنىڭ سېمىترىك بولماسلىقى ، چىش ئورنىنىڭ خاتا بولىشى ياكى چىشنىڭ غەيرى ئۆسىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇخلىغاندا ھەرگىز نوقۇل بىر خىل ھالەتتىلا ياتماسلىق ، بېسىلغان ئورۇننىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
3. يىمەكلىكنى بىر تەرەپتىنلا چايناشقا ئادەتلىنىش ، يىمەكلىكنى ئەگەر پەقەت بىر تەرەپتىلا چاينىسا ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ، ئىشلەتمىگەن تەرەپتىكى يۈز مۇسكۇلى ۋە سۆڭەك يىگىلەپ ، بىر يۈز چوڭ بىر يۈزى كىچىك بولۇشتەك . غەيرى شەكىل كېلىپ چىقىدۇ. چوقۇم يىمەكلىكلەرنى ئىككى تەرەپتە چاينا پ ،يۈزنى نورمال يېتىلدۈرۈش لازىم.
4. تىلنى چىقىرىش ۋە تىلنى چىشلەشكە ئادەتلىنىش ؛ مەيلى تىلنى چىشلەش ياكى تىلنى چىقىرىش بولسۇن. ھەممىسىلا چىشنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، ئۇدۇل چىش جۈپلەشمەسلىكتەك غەيرى شەكلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بارماقنى شوراشقا ۋە نەرسىلەرنى چىشلەشكە ئادەتلىنىش؛ ئادەتتە بارمىقىنى شوراشنى ياكى قەلەم چىشلەشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ يۇقىرقى ئۇدۇل چىشى ئالدىغا بۆرتۈپ چىقىپ تۆۋەنكى ئۇدۇل چىش كەينىگە كېتىپ چىشلارنىڭ قىستىلىپ ، ئۇدۇل چىش ئاراش بولۇشتەك غەيرى ھالەت شەكىللىنىدۇ.
5. لېۋىنى چىشلەشكە ۋە لېۋىنى شوراشقا ئادەتلىنىش ؛ ئاستىنقى لىۋىنى شورايدىغان ياكى چىشلەيدىغانلارنىڭ تۆۋەنكى ئۇدۇل چىشى ئۈستى – ئۈستىگە چىقىپ قىستىلىپ ، يۇقىرقى ئۇدۇل چىشى ئالدىغا بۆرتۈپ چىقىپ، ئىككى لېۋى جۈپلەشمەي، چىش كۆرىنىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ.
6. ئاغزى بىلەن نەپەسلىنىشكە ئادەتلىنىش ؛ ئاغزى بىلەن نەپەسلىنىدىغانلارنىڭ ئۈستۈنكى تاڭلىيى ئېگىلىپ ، ئۇدۇل چىشى قىستىلىپ ئاراش بولۇشتەك غەيرى شەكىلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بالىلاردا ناچار ئادەتلەر كۆرۈلسە ، ئائىلە باشلىقلىرى يول قويماستىن ،نەسىھەت قىلىپ ، ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە كۆندۈرۈش ، زۆرۈر تېپىلغاندا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ مەخسۇس بۆلۈمدە داۋالىتىپ تۈزىتىش ، بالىلارنىڭ چىشىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.