چىش مىلىكى ياللۇغى ، چىشنى قۇرت يېيىش ، چىش ئەتراپى ياللۇغى قاتارلىق چىش كېسەللىكلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك چىش ئاغرىيدۇ . نۇرغۇن كىشىلىرىمىز چىش ئاغرىسا كېسەلنىڭ سەۋەبى بىلەن كارى بولماي ، ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچىشكە ئالدىرايدۇ . بۇنداق بولغاندا چىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى ۋە ئەتراپىدىكى ساق چىشلاردىمۇ كېسەللىك پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا چىش كېسەللىكلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزمەستىن ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك .
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چىشتا كۆرۈلىدىغان ئەڭ ئادەتتىكى ياللۇغلار ۋاقتىدا داۋالانمىسا ، كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا بالدۇرلا چىشنىڭ ئىقتىدارى يوقىلىش بىلەن بىللە ، يەنە يۈرەك كېسەللىكلىرى ، قان – تومۇر كېسەللىكلىرى ، بوغۇم ياللۇغى ۋە باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.