«قۇرۇت يىگەن چىش» كىشىلەرگە ھەرگىز ناتونۇش ئەمەس ، دوختۇرلار ئۇنى چىرىگەن چىش دەپ ئاتايدۇ. بىر قىسىم جاھان كەزدى دوختۇرلار«قۇرۇت يىگەن چىش»تىكى «چىش قۇرۇتى » نى ئالىمىز دەپ ساختىلىق قىلىپ ، ئېغىز بوشلۇقى ساۋاتلىرىنى بىلمىگەن كىشلەرنى ئالدايدۇ. ئۇنداقتا «قۇرۇت يىگەن چىش» نى راستلا قۇرۇت يىگەنمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس . قۇرۇت ئەسلىدىنلا مەۋجۇت ئەمەس ، ئىلمى تەتقىقاتلار ، ئىنسانلار ئېغىز بوشلۇقىنىڭ مۇرەككەپ بىر ئېكىلوگىيىلىك مۇھىت ئىكەنلىكى ، نۇرغۇنلىغان مىكرو جانلىق باكتىريەلەرنىڭ بارلىقنى ئىپادىلىدى . بۇنىڭ ئىچىدىكى شەكىل ئۆزگۈرۈشچان زەنجىرسىمان شار باكتىريەسى نۇر چاچقۇچى زەمبۇرۇغ قاتارلىقلار شۆلگەيدىكى قەنىت ئاقسىلدىن پايدىلىنىپ چىش يۈزىگ يېپىشىپ ، باكتىريە دېغىنى ھاسىل قىلىدۇ. باكتىريە دېغىدىكى شەكىل ئۆزگەرتكۈچى زەنجىرسىمان شار باكتىريەسى ئاساسلىق چىرىتكۈچى باكتىر ىيىدۇ. بۇ باكتىريەلەر ئۆزلىكىدىن كىسلاتا ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن يەنە ئېغىز بوشلۇقىدىكى قالدۇق يىمەكلىكلەر بولۇپمۇ تاتلىق يىمەكلىكلەرنى پارچىلاپ ، كىسلاتا ئىشلەپچىقىرىدۇ. كىسلاتا چىشنىڭ سىرتقى يۈزىنى مىنرالسىزلاندۇرىدۇ. بۇنىڭغا بىئو خىمىيىلىك چىرىتىش قوشۇلۇپ چىشتا ئاستا- ئاستا كاۋاك شەكىللەندۈرىدۇ. مانا بۇ ئېيتىلىۋاتقان «قۇرۇت يىگەن چىش »دۇر.
چىش چىرىش ئىنسانلاردا ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى . تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە چىش چىرىشنىڭ نىسبىتى 90پىرسەنتتىن يۇقىرى ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە 50پىرسەنتت ئەتراپىدا بولۇپ، تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرلىماقتا . پۈتۈن دۇنيا ئاز دىگەندىمۇ 2-3مىليارد ئادەم چىش چىرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان . چىش چىرىش كېسىلىنىڭ ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا بولغان زىيىنى ۋە دۇنيا سەھىيە بايلىقىنى خورىتىشى زور بولغاچقا ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چىش چىرىش كېسىلى راك ۋە يۈرەك قان تومۇر كىسىلىدىن كېيىن تۇرىدىغان پۈتۈن دۇنيادىكى نوقتىلىق ئالدىنى ئالىدىغان ئۈچ چوڭ كېسەللىكلەرنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتى . شۇڭلاشقا بىز ئېغىز تازلىقىغا ئېتىبار بېرىشىمىز. ئىلىم پەنگە ، چىش چىرىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك . پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن چىشىمىزنى ئاسرىشىمىز لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.