*ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا قايماق يەپ بەرسە ، چىشنى چىڭىتىقىلى بولىدۇ .
*ھەركۈنى بىر تال لىمون يەپ بەرسە ، چىش ئەتراپىدىكى مىكروبلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ .
*بېلىق بىلەن ئۆي قۇشلىرىنىڭ گۆشى تەركىبىدە چىشنى چىڭىتىدىغان فوسفور ماددىسى مول بولۇپ ، بېلىق بىلەن ئۆي قۇشلىرىنىڭ گۆشىنى كۆپرەك يەپ بەرسە ، چىشنى ئاسرىغىلى بولىدۇ .
*كۆكتات تەركىبىدە يىرىك تالا بولغاچقا ، كۆكتاتنى كۆپرەك يەپ بەرسە ، ئېغىز مۇسكۇللىرىنىڭ چېنىقىشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق چىشنى چىڭىتقىلى بولىدۇ .
*چىشنى داۋاملىق چىش پاستىسى بىلەن چوتكىلاپ تۇرغاندا ، چىشنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ .
*ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن سودا سېلىنغان سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرسە ، چىش ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرسا چىش ئاغرىقىغا ئوڭاي گىرىپتار بولمايدۇ . چىش ئاق ۋە پارقىراق بولىدۇ .
*ئۇخلىغاندا چىشنى غۇچۇلىتىش ئاساسەن پسىخىك سەۋەبتىن بولىدۇ . يەنى قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرگەندە كۆرۈلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچەي يولىدا مەددە بارلارمۇ ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ . ئۇخلىغاندا چىشىنى
*غۇچۇرلىتىدىغانلار چىش مىلىكىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .
*دائىم چىش چوتكىلاپ بەرسە ، كاناي ياللۇغى ۋە ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
*كۆك چاي چىشنى چىڭىتىپ قان تومۇرلارنى يۇمشىتىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.