تىل يېرىلىش تىل قۇرۇشنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۈچىيىپ، تىل يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئەتىياز پەسلىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
سەۋەبى:
ئاساسلىق، ھەرخىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەردىن بەدەندە قۇرۇقلۇقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ، تىلغا تەبىئىي ھالدا يامان تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ . بۇنىڭدا بىرى، ئىچكى سەۋەبلەردىن مېڭىدە قاتتىق قۇرۇقلۇق پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى سېزىم ئەسەبلىرى ئارقىلىق تىلغا ئۆتۈپ تىل يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىرى، ھەرخىل قۇرۇقلۇق يەتكۈزگۈچى كۆكتات، يېمەك-ئىچمەكلەر، ئۆتكۈر تەسىرلىك دورىلار، چاي دورىلىرى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، قۇرۇقلۇق پەيدا قىلغۇچى ھەرىكەت بىلەن ھەددىدىن زىيادە مەشغۇل بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئاشقازاندا ئېغىر دەرىجىدە قۇرۇقلۇق پەيدا بولۇپ، تىلغا يامان تەسىر قىلغانلىقتىن تىل يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى:
مېڭىگە قۇرۇقلۇق يەتكەندىن بولغان تىل يېرىلىشتا تىل رەڭگى قىزىرىدۇ، تىل قۇرۇيدۇ، تىل چوڭقۇرراق يېرىلغان بولۇپ ئېچىشىدۇ. بىر نەرسە، بولۇپمۇ ئاچچىق-چۈچۈك، تۇزلۇق نەرسىلەر تەگسە ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ. تىل يېرىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيقۇسىزلىق، مېڭىدە قۇرۇقلۇق ئاشقان ئالامەتلەرگە كۆرۈلىدۇ.
ئاشقازانغا قۇرۇقلۇق يەتكەندىن بولغان تىل يېرىلىشتا تىلنىڭ رەڭگى قىزىرىدۇ، قۇرۇيدۇ. تىل ئۈستى يول-يول بولۇپ يېرىلىپ كېتىدۇ. كېسەل كىشىدىن بەتبۇي ئىسنىڭ پۇرىقىدەك كېكىرىك چىقىدۇ. ئېغىز تەمى غالىب كەلگەن خىلىت تەمىدە بولىدۇ. بەزىدە تىل زىيادە قۇرغاقلىشىپ يېرىلغانلىقتىن گالنى غىدىقلاپ، قۇرۇق قەي قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.