مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1455 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئېغىز پۇراش ئېغىز سېسىق پۇرىغانلىقىغا، بولۇپمۇ گەپ قىلغاندا ئېغىزدىن سېسىق پۇراق چىققانلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا بىمارنىڭ ئۆزىگە بىلىنمەي باشقىلارغا بىلىنىدۇ. 


سەۋەبى:

ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەرنىڭ يامان تەسىرىدىن ئېغىز پۇراش كېلىپ چىقىدۇ.  ئىچكى جەھەتتە، بىرەر خىلىتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان بەزى قويۇق بۇخاراتلىق كېسەللىكلەرنىڭ، مەسىلەن: ئۆپكە سىلى، گال، ئېغىز-چىش كېسەللىكلىرى، ئاشقازان كېسەللىكلىرى، پۈتۈن بەدەنلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ياللۇغ بۇخارلىرى ئېغىز ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاشقى جەھەتتە، يېمەك-ئىچمەك ماددىلىرى ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىش مىلىكلىرىگە يىغىلىپ، ۋاقتى-ۋاقتىدا پاكىزلانمىغاچقا، تەدرىجىي ھالدا ياللۇغ پەيدا قىلىپ، ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 


ئالامىتى: 

گەپ قىلغاندا، ئېغىز ئارقىلىق نەپەسلىنىپ نەپەس چىقارغاندا ئېغىز پۇرايدۇ. كۆپىنچە بىمارنىڭ ئۆزىگە بىلىنمەي يېقىن تۇرغان ياكى قارشىسىدىكى كىشىلەرگە بىلىنىدۇ. كىسەللىك يېڭى ۋە يېنىك بولسا ئېغىز بەزىدە سېسىق پۇرايدۇ، بەزىدە پۇرىمايدۇ. ئەگەر كېسەللىك كونىرىغان ۋە ئېغىرراق بولسا، ئېغىزدىن دائىم كۈچلۈك سېسىق پۇراق چىقىدۇ. 


داۋاسى: 

ئالدى بىلەن قايسى خىلىت بۇزۇلغان بولسا، شۇ خىلىتنى تازىلاپ تەڭشەش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن مەتبۇخى ئەفتىمۇن، مەتبۇخى ھېلىلە، ئايارەچ پەيقىرا قاتارلىق دورىلار بېرىلىدۇ. سۇمبۇل، پوستى تۇرۇنجى (ئاپلىسىن پوستى)، سەئدى كۇفىلارنى بەش گرامدىن ئېلىپ، 100 گرام سىركە بىلەن قاينىتىپ ئېغىزنى چايقاش لازىم. 


ئېغىز پۇراشقا سەۋەبچى بولغان ئەسلىي كېسەللىكنى داۋالاشقا ئاكتىپ تەدبىر قىلىش لازىم. ئەسلىي كېسەللىك ساقايسا ئېغىز پۇراش شۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشىلىنىپ قالىدۇ. 


ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقى ياخشى بولمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئېغىز پۇراشنى داۋالاشتا، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئېغىزنى دائىم تاماقتىن كېيىن كەچتە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن ئىلمان سۇ بىلەن چوتكىلاپ يۇيۇش، تۇز سۈيى ياكى مۇناسىۋەتلىك دورا سۇلىرى بىلەن ئېغىزنى چايقاش لازىم. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.