مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 755 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

دائىم ئۇدۇل چىش بىلەن گازىر چاققاندا ، چىشىنى ئۇپرىتىپ ، ئۇدۇل چىشتا ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك كەلتۈكلۈك پەيدا قىلىدۇ . كىلىنكىدا بۇ خىل چىشنى ‹‹گازىر چىش ››دەپ ئاتايدۇ . 

    ئۇدۇل چىشتىكى ئۈچ بۇرجەك كەلتۈكلۈكنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى گازىر چاققاندا ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ‹‹گازىر چىش››نىڭ سىرتقى شەكلى كۆركەم ئەمەس ، ئۇدۇل چىش بىر قەدەر نېپىز ، قارشىلىق كۈچى ئاجىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە فونكىسيەلىك كۈچكە ئۇچرايدىغان ئورۇن بولغاچقا ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى تەس . 

    ‹‹گازىر چىش ››بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۇسۇلى : ئۇدۇل چىش بىلەن گازىر چاقماي ، مەخسۇس گازىر چېقىش ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىش ، قول بىلەن ئاجرىتىش ياكى ئىككى تەرەپتىكى ئېزىق چىش ، ئەمما كۆپ چاقماسلىق كېرەك . ناۋادا ئۇدۇل چىشتا ئۈچ بۇرجەك كەلتۈكلۈك شەكىللەنگەن بولسا ، دوختۇرخانىغا بېرىپ چىشنى يامىتىش ، كەمتۈكلۈكنىڭ ئېغىرلىشىپ چىش مىلكىنى زەخمىلەندۈرۈشى ياكى چىشنىڭ سۇنۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.