مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 746 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بالىلار بىلەن چوڭلارنىڭ ئىغىز بوشلۇقنىڭ تۈزىلىشىدە ئالاھىدە پەرق بار بولغانلىقى ئۈچۈن بالىلارغا مۇۋاپىق زەھەرسىز چىش پاستىسى تاللاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىنى بالىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قەتئىي بولمايدۇ. سەۋەبى چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىدا تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل نوقسان بار.


1. چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىنىڭ سۈركىلىش قاتتىقلىقى يۇقىرى بولۇپ ، بالىلارنىڭ چىشى ۋە چىش مىلىكىنى ئاسانلا زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ.


2. چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىدىكى كۈچلۈك پۇراقنىڭ غىدىقلاش تەسىرى يۇقىرى بولۇپ ، بالىلارنىڭ تەم سەزگۈسىگە تەسىرقىلىدۇ.


3. چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىنڭ ئىشقارلىق ھەم دورىلىق تەسىرى يۇقىرى بولۇپ ، بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىللىرىنى ئاسانلا زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ.


4. چوڭلارنىڭ چىش پاستىسى تەركىۋىدە فىتور ماددىسى يۇقىرى بولۇپ بالىلار بۇ چىش پاستىسىنى ئىشلىتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇتىۋەتسە زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىشى مومكىن.


ئۇنداقتا ئوماق پەرزەنتىڭىزگە قانداق چىش پاستىسى تاللىسىڭىز مۇۋاپىق جۇڭگۇدىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىگە باھا بېرىش ئورنىدىن 39بىرلىشىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بازارغا سېلىنىۋاتقان چىش پاستىللىرى ئىچىدە تۆۋەندىكى 8خىل چىش پاستىسىنىڭ بالىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بەلگىلەپ چىققان. ئۇلار؛(1)نائەيسى بالىلار ساغلاملىق چىش پاستىسى  (2) يۇسىجى بالىلار چىش پاستىسى  (3) تىيەنچى سۈت چىش قوغداش چىش پاستىسى  (4) خېيۋىي چ چ بالىلار چىش پاستىسى  (5) نىگىر بالىلار چىش پاستىسى  (6)گاۋلۇجى بوۋاقلار چىش پاستىسى  (7) پادىشاھ شېكەرلىك ئالكوگىل بالىلار چىش پاستىسى (8)شۇشىيا بالىلار ئالماس چىش پاستىسى .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.