مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1428 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

چىش ئەتراپى ياللۇغى ئادەتتە دىيىلىدىغان چىش ئەتراپى كېسىلى بولۇپ ، كېسەللىك ئۆزگىرىشنىڭ چىش مىلىكى ، چىش ئەتراپى پەردىسى ، چىش سۆڭەك ماددىسى ،چىش ئوقۇرى سۆڭىكىگە مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بۇزغۇنچى خاراكتىرلىك كېسەللىكتۇر. چىش ئەتراپى ياللۇغىنىڭ سەۋەبى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ ئادەتتە قىسمەن ئامىل ۋە پۈتۈن بەدەنلىك ئامىل ئايرىلىدۇ. قىسمەن ئامىل باكتىرىيە ۋە باكتىريە دېغىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چىش تېشى، يىمەكلىكنىڭ قىسلىپ قېلىشى ،چىشلىشىش يۈزىگە دەز كېتىش ، ناچار سۈنئىي چىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سەل قاراشقا بولمايدىغان ئايرىم ئامىلدۇر. پۈتۈن بەدەنلىك ئامىل ئىچكى ئاجرىتىش سېستىمىسى تەرتىپسىزلىنىش ، ئېرسىيەت ، ئوزۇقلۇق ، قان كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى چىش ئەتراپى ياللۇغىنىڭ تەرەققىيانى تېزلىتىدۇ. ئايرىم ئامىل ۋە پۈتۈن بەدەنلىك ئامىل چىش مىلىكىن ياللۇغلاندۇرۇپ ، چىش ئەتراپى پەردىسىنى بۇزۇپ، چىش ئەتراپى خالتىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. چىش ئوقۇرى سۆڭىكى سۈمۈرلۈپ ، سۆڭەك ئارىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ . ئارقىدىنلا چىش بوشايدۇ. چىش مىلىكى يىگىلەيدۇ . كۈچەپ چىشلىيەلمەسلىك ، تېلىپ ئاغرىش. قاناش ، يىرىڭ ئېقىش ، ئېغىز پۇراش ، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ، چىش ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىپ ، جاغ ئاستى لىمفا تۈگۈنى يوغىناپ ، پۈتۈن بەدەن ئارامسىزلىنىدۇ. بەزىدە يەنە كەينىگە قايتىشچان چىش يىلىك ياللۇغى قوزغاپ ، قاتتىق ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ. چىش ئەتراپى ياللۇغىنى ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا ، چىش چۈشۈپ كېتىدۇ. كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا ، چىش ئەتراپى ياللۇغى بىلەن چىش مىلىك ياللۇغى ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پەرقى؛ چىش مىلىكى ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەقەت چىش مىلىكى توقۇلمىللىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. چىش ئەتراپى خالتىسى ، سۆڭەك ئارىسى خالتىسى شەكىللەنمەيدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر يىنىك بولىدۇ . 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.