دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش:دائىم دېرىزىنى ئېچىۋېتىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ھەمدە ھاۋانىڭ ساپلىقىنى ساقلاش ئاستا خاراكتىرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.
ئېغىز بوشلۇقى تازلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش:دائىم ۋىتامىن C ھەم ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش،ئەتىگەن،كەچتە تۇز سۈيىدە ئېغىزنى چايقاپ بېرىش كېرەك.
ئېغىز-بۇرۇن كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش كېرەك:ئاستا خاراكتىرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى ئېغىز-بۇرۇن كېسەللىكى ھەمدە ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا ئۇىلاشتىن بۇرۇن ئۆينىڭ ھاۋاسىنى سوغۇق قىلىۋەتمەسلىك ،قىشتا سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاپ،ئېغىز-بۇرۇنغا سوغۇق ئۆتۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.