مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1012 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

1-  چىش تازلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا ؛ تاماقتىن كېيىن ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن بەش مىنۇت ئەتراپىدا چوتكىلاپ ئېغىزنى كۆپرەك چايقاش ئارقىلىق باكتىريە، مىكروپلارنىڭ چىشنى چىرىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش . ئەتتىگەندە ئۈچ مىنۇت ئەتراپىدا چوتكىلاپ قالدۇق مىكروپلارنى تازلاشتىن بىرگە ئاشقازاندىن يېنىپ چىققان ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش چىش چوتكىلاشتىن بىرگە تىلنىمۇ چوتكىلاش ئارقىلىق ئېغىز پۇراشنىىڭ ئالدىنى ئېلىش .


2-  چىش چوتكىلاشنىڭ توغرا ئۇسۇلى؛ھازىرقى كۆپۈنچە كىشىلەر ئاستى ئۈستى چىشلارنىڭ يايى قىسمىنى بويلاپ ئوڭدىن سولغا سۈركەش ئارقىلىق تازلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشىپ كىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل چوتكىلاش خاتا بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندا چىشنىڭ ئاساسىي ئاددىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ چىشنىڭ گۈزەللىكى رەتسىز، شالاڭلىشىپ كېتىش ۋە چىشنىڭ چىرىپ كېتىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. توغرا چوتكىلاش ئۇسۇلى؛ ئۈستۈنكى چىشلارنى چوتكىلىغاندا چىش چوتكىسىنى45% گرادۇس تۇتۇپ ئۈستىدىن ئاستىغا سىرىش ئارقىلىق يۇيۇش ، ئاستى چىشلارنى ئاستىدىن ئۈستىگە سىرىش ئارقىلىق يۇيۇش ، چىشنىڭ چىشلىشىش يۈزلىرىنى ئوڭدىن سولغا ھەركەتلەندۈرۈپ يۇيۇش تىل تەرەپلىرىنى ئوخشاشلا ئۈستىدىن ئاستىغا ، ئاندىن ئۈستىگە سېرىش ئارقىلىق يۇيۇش ئۈنىمىگە ئېرىشىش.


3-  چىش پاستىسى ۋە چىش چوتكىسىنى تاللاپ ئىشلىتىش ؛بازاردا تاۋارلاشقان چىش پاستىسى ۋە چىش چوتكىسىنىڭ تۈرلىرى كۆپ چىش پاستىسىنى تاللىغاندا بەش يۈۋەن قىممىتىدىن يۇقىرى پاستىلارنى تاللاش كېرەك . ئۇنىڭدىن تۆۋەنلىرىنىڭ خىمىيىۋىلىك تەركىۋى يۇقىرى بولۇپ ،چىشنى ھەددىدىن زىيادە سەزگۈرقىلىپ قويىدۇ. تېز ئاقارتقاندەك قىلغان بىلەن كىيىنكى ئەگەشمە كىسەللىكلىرى ئېغىر بولىدۇ. ئۇندىن باشقا چىش ئەتراپى ئەگەشمە كېسەللىكەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەر ئۈچ ئايدا بىر ئىشلەتكەن چىش پاستىسنى باشقا تۈردىكى چىش پاستىسىغا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىپ مىكروپ باكتىريەلەرنىڭ بىرخىل تۈردىكى چىش پاستىسىغا كۈنىۋىلىپ چىشنى چىرىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش . چىش چوتكىسىنىمۇ تاللاپ سېتىۋىلىش ھەر بىر ئايدا قايتا ئالماشتۇرۇش كېرەك.


4-  چىشنى تازلىتىپ تۇرۇش؛ ھازىر شەخسى شىپاخانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ھەر خىل ناتوغرا تازلاش ئۇسۇللىرى بىلەن چىش تازلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. قېرىپ تازلاش كىسلاتالىق سۇدا تازلاش قاتارلىق ئۇسۇللار خاتا بولۇپ بۇنىڭ توغرا تازلاش ئۇسۇلى پاتنىت ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئولتۇرا ئاۋازلىق چىش تازلاش ئۈسكىنىسىدە تازلىتىش ئەڭ بىخەتەر بولۇپ چىش ئەسلى ماددىسىغا ئەكىس تەسىرى يوق. ئشلىتىش يۇقىرى پەن - تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ . ئەگەردە ئىشلىتىش ئۇسۇلى خاتا بولۇپ بەكلا بېسىم بىلەن تازلاش ئىلىپ بارسا بىر مەزگىلىلگىچە چىشنىىڭ سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۋىتىدۇ.تازلاپ بولغاندىن كىيىن چوقۇم تازلانغان ئورۇندىكى يىرىك بولۇپ قالغان يەرلىرىنى پەردازلىتىپ سىلىقلىتىش كېرەك . ھەربىر  يىلدا بىر قېتىم تازلىتىپ تۇرسا مۇۋاپىق بولىدۇ.


5-  بىر تەرەپلىمە چايناش ئادىتى؛داۋاملىق بىر تەرەپتىلا چايناپ ئادەتلىنىپ قالسا ئىشلىتىلمىگەن ئورۇندىكى چىشلار ئاسان چىرىپ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا چىراي گۈزەللىكى 35431 بوغىمىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ ئېغىزنىڭ فونكىسيەسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.


6-  بالىلار چىش كېسەللىكى ؛ بالىلارنىڭ بالىلاردىكى قەلەم چىشلەش، قولىنى شوراش ، چىشى ئاجىز چىقىپ قالىدۇ. دەپ تاتلىق تۈرۈم يىمەكلىكلەرنى ئاز بىرىش سەۋەبىدىن ئىڭەك ياخشى تەرەققىي قىلالماي چىش تەرەققىي قىلماسلىق ، چىش رىتىمسىزلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈپ تازلاش ۋە تاماق چايناش فونكىسيەسى توسالغۇ ئۇچراپ چىشنىڭ چىرىپ كېتىش ئەھۋالى تېز بولۇپ قالىدۇ. ئۇندىن باشقا گۈزەللىككىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا بالىلارغا يۇمشاق تۈردىكى يىمەكلىكلەرنى ئاز بېرىپ قاتتىق تۈردىكى يىمەكلىكلەرنى كۆپ بېرىپ، چىش رېتىمسىزلىق ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .


7-  ئېرىقچىلارنى ئېتىش؛ ھازىر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە بالىلارنىڭ چىشىدىكى چوڭقۇر چىقىپ قالغان ئېرىقچىسىنى ئىتىش ئومۇملىشىپ كەتكەن . يەتتە ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ داۋالايدۇ. لېكىن جۇڭگۇدا بۇ ئىش ئومۇملاشمىدى . يىڭىدىن چىققان تۇراقلىق چىشنىڭ چىشلىشىش يۈزىدىكى ئويمىنى چوڭقۇر بولغانلىقتىن باكتىريە ئوڭاي تۇرۋىلىپ چىشنىىڭ ئوڭاي چىرىپ كىتىپ چىشنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆسمۈر بالىلارنىڭ چىشىدىكى ئويمانچىلارنىڭ ۋاختىدا ئەتكۈزۈش كېرەك.


چىش ئاغرىغاندا؛ چىش بەك ئاغرىپ كەتكەندە ھەر خىل يەرلىك ئۇسۇللارنى مەسىلەن تۇز سۈيىدە چايقاش ، مۇزا چىشلەش ، ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلارنى چىشلەش ، كاۋاۋىچىن ، مەرگەن سوپتا چايقاش قاتارلىق ئۇسۇللار ۋاقىتلىق چىش ئاغرىقىنى توختاتقان بىلەن ئۇنىڭ ئەكىس تەسىرى ئېغىر بولۇپ چىش ئۈزۈلۈپ كېتىش ، چۈرۈك بولۇپ قېلىش ، چىش ئەتراپ توقۇلمىللىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش قاتارلىق ئەگەشمە كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.