مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 986 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

چىش مىدىرلاپ قالغان ئەھۋال دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ . بولۇپمۇ ، ئۇدۇل چىش مىدىرلاپ قېلىش كۆپ كۆرۈلىدۇ . چىش مىدىرلاپ قېلىشنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە چىش ئەتراپى ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان چىش مىدىرلاپ قېلىش كۆپ كۆرۈلىدۇ . چىش مىدىرلاپ قېلىش 3–دەرىجىدىن يۇقىرى بولغاندا چايناش ئىقتىدارىغا روشەن تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بىمار داۋالاش قىممىتى قالمىدى دەپ قاراپ ، مىدىرلاپ قالغان چىشنى تارتقۇزىۋېتىپ ، يالغان چىش سالدۇرىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، 2– دەرىجىدىن يۇقىرى بوشاپ قالغان چىشنى تازىلاش ، چىش ئەتراپىنى داۋالاش ، زۆرۈر بولغاندا چىش مىلىكىنى داۋالاش ، ھەتتا پۈتۈن بەدەنگە دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق كېسەل ئەھۋالىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ، ئاندىن چىشنى چىگىش ، قىسىش تاختىسى بىلەن مۇقىملاشتۇرۇش ، چىش تاجىسىنى قوشۇپ تۈزەش ، چىشلىشىشنى تەڭشەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ، چىش مىدىرلاشنى ساقايتىپ ، چىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ . بولۇپمۇ ، ئۇدۇل چىشقا قارىتا بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك . شۇڭا ، چىشى مىدىرلاپ قالغانلار چىشنى ئالدىراپ تارتقۇزىۋەتمەي ، دوختۇرخانىغا بېرىپ ، مەخسۇس بۆلۈمدە تەكشۈرتۈپ ، داۋالىتىپ ، چىشنى ئىمكانقەدەر ساقلاپ قېلىش كېرەك .

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.