مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 889 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

لەۋ سېرىق بولسا: بۇ، ئورگانىزىملاردا ئوكسىگېن يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ياكى دورا ماتېرىياللىرىدىن زەھەرلەنگەنلىكىنىڭ تىپىك دەلىلى.

لەۋ ئۇششاق يېرىلسا: ۋىتامىنB2 زىيادە كەملىكىنى ياكى ئىسسىقى زىيادە ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلى.

ئۈستۈنكى كالپۇك قۇرغاقلاشسا: چوڭ ئۈچەينىڭ كېسەللىككە گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقىنىڭ، ئېغىز شىللىق پەردىلىرى، قۇلاق، بۇرۇنلاردا كېسەللىك بارلىقىنىڭ بېشارىتى.

كالپۇك ئاقىرىپ قالسا: چوڭ ئۈچەيدە توسالغۇ بارلىقىنى ياكى ئىچى سۈرۈپ، قورساق كۆپۈپ مۇجۇپ ئاغرىش، ئىسسىقلىقى ۋە سوغۇقلۇقى زىيادە ئارتىپ كەتكەنلىكىنىڭ دەلىلى.

تۆۋەنكى كالپۇك ئۇچى قىزىرىپ قالسا: ئاشقازاندا ئىششىق بارلىقىنى ياكى ئاشقازان ئاغرىقى، قورساق كۆپۈش، كېسەللىك ھالىتىنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

لەۋنىڭ ئاستى سېرىق بولسا: جىگەر ياللۇغى ياكى جىگەر، ئۆتنىڭ زەئىپلىشىۋاتقانلىنىڭ روشەن دەلىلى.

لەۋ توق قىزىل بولسا: قىزىتما بولۇپ قېلىش ياكى يۈرەك بېسىمىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى، نەپەس يوللىرىدا ياللۇغىنىش كېسەللىكلىرى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.