مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1320 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تونۇش: بۆرەك تاش كېسەللىكى-ھەرخىل سەۋەبلەردىن بۆرەك ۋە سۈيدۈك قاتارلىق ئەزالاردا تاش پەيدا بولۇشقا قارىتىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى بۆرەك جامى بوشلۇقلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قاننىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن سۈيدۈكلۈك، سۈيدۈكلۈك قانىلى، سۈيدۈك يوللىرىدا تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: يۇقۇملىنىشلار، سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىلىرىدا ياللۇغلىنىش يۈز بېرىپ ياللۇغلانغان ئورۇندىن تۆكۈلۈپ چۈشكەن توقۇلمىلار ئۆز-ئارا كاللەكلىشىپ تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

توسۇلۇش پەيدا بولۇش: توسۇلۇش سەۋەبىدىن سۈيدۈك راۋان بولماي سۈيدۈك تەركىبىدىكى بەزى ماددىلار چۆكمىگە چۈشۈپ تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

ئۇزۇقلىنىش ناچارلىشىش: يېڭى تەتقىقاتنىڭ ئىسپاتلىشىچە، يېمەكلىكلەر تەركىۋىدىكى ۋىتامىن A كەم بولسا تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ. چۇنكى بۇ ماددا كەم بولسا سۈيدۈك نەيچىلىرى شىللىق پەردىلىرىدە سۇ چۈشۈشنى پەيدا قىلىپ تاش شەكىللەندۈرىدۇ.

ئىچكى ئاجراتما بەز خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىقى: قالقانسىمان يان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كەتكەندە قاندىكى كالتىسى ماددىسى كۆپىيىپ كېتىپ سۈيدۈكتىكى بىر قىسىم ماددىلار ئاسانلا چۆكمىگە چۈشۈپ تاش پەيدا بولۇشقا شارائىت ھازىرلايدۇ.

ئالامىتى: ئاساسلىق ئالامىتى بەل ئاغرىش بولۇپ، بەل ساھەسى دائىم تېلىپ ئاغرىيدۇ. ئاغرىش 12-كۆكرەك ئۇمۇرتقىسى بىلەن 2-3-بەل ئۇمۇرىتقىسى ئارقىسىدا بولىدۇ. ئاغرىش كېندىك ساھەسىدە بولىدۇ. ئاغرىش ئۇرۇقدان، سىرىتقى جىنسىي ئەزالارغا قەدەر تارقىلىدۇ. بەزىدە ئاغرىش تۇيۇقسىز كۈچلۈك بولىدۇ. ئاغرىشنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن بىمار ناھايىتى بىئارام بولىدۇ. سوغۇق تەرلەيدۇ. بەزىدە كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ. ئاغرىش ھەر قېتىمدا بىر قانچە مىنوت بىر قانچە سائەت تۇتىدۇ. ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قان سىيىش كۆرۈلىدۇ.

 داۋالاش پىرىنسىپى: تاشنى پارچىلاش، تاشنى چۈشۈرۈش، ئارغىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.