مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 833 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

كىلىنىكىدا مۇتلەق كۆپ قىسىم قان سىيىشنىڭ سەۋەبىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئەمما ئاز بىر قىسىم بىمارلار قايتا-قايتا تەكشۈرتسىمۇ، قان سىيىشنىڭ سەۋەبى ئېنىقلانمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە ئالاھىدە قوزغىلىشچان قان سىيىش دەپ ئاتىلىدۇ.

يىنىك دەرىجىدىكى بۆرەك ياللۇغى: ئادەتتە بۆرەك ياللۇغىدا قان سىيىش، ئىششىش ۋە قان بېسىمى ئۆرلەش دېگەندەك تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ناۋادا بۆرەكنىڭ ياللۇغلىنىشى نىسبەتەن يىنىك بولسا كېسەل ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ ياك كېسەللىك ئۆزگىرىشنىڭ جۇغلىنىش دائىرىسى نىسبەتەن كىچىك بولغاندا، بۆرەكنىڭ ئىچكى قىسمىدا پەقەت دائىرىلىك ئۆزگىرىشلا كۆرۈلۈپ، قان سىيىشتىن باشقا كېسەللىك ئۆزگىرىشلا كۆرۈلۈپ، قان سىيىشتىن باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ، ھەم كېسەللىك سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئاسان تاپقىلى بولمايدۇ.

ئۇششاق تاش: بۆرەكتە ئاسان تاش پەيدا بولىدۇ، نىسبەتەن چوڭ تاشلارنى x نۇرى ياكى B تىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولىدۇ. ئۇششاق تاشلارنى بولۇپمۇ بۆرەكنىڭ ئىچكى قىسمىغا يوشۇرۇنغان ئۇششاق تاشلارنى ئاسان بايقىغىلى بولمايدۇ.

قان تومۇرىدىكى ئۆزگىرىش: بۆرەك قان تومۇرلىرىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرسە قان سىيىش كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: ئىنتايىن كىچىك بولغان قان تومۇر ئۆسمىسى، ئۇششاق ۋېنا تومۇرلار كۆپۈپ يېرىلىش قاتارلىقلار. بۇنداق ئەھۋالدا كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى ئاسانلىقچە بىلگىلى بولمايدۇ.

دورىنىڭ تەسىرى: فېنىل بۇتازون (保泰松)، فېنول تۈرلىرى، ئارسېنىكلىق دورىلار، كودېئىن ۋە ئامىنو گلىكوزىد تۈرىدىكى ئانتىبىئوتىكلار. مەسىلەن: گېنتامىتسىن، كانامىتسىن قاتارلىقلار بۆرەكنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قىلدام تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، قان سۇيۇقلۇقى تېشىپ چىقىپ، قان سىيىشنى پەيدا قىلىدۇ.

ئالاھىدە قوزغىلىشچان قان سىيىشكە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ قورقۇشى ھاجەتسىز، چۈنكى بۇ خىل قان سىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك ئۆزگىرىشى نىسبەتەن يىنىك بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ بالدۇر داۋالانسىلا، مۇتلەق كۆپ قىسىم بىمارلار ساقىيىپ كېتىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.