مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 840 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تونۇش: بۆرەك يىرىڭلىق ئىششىقى-بۆرەك توقۇلمىلىرى ئىچىدە ئۇششاق يىرىڭلىق نۇقتىلار ياكى توپلاشقان يېرىڭ خالتىسى پەيدا بولىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: بۆرەك مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زەئىپلىشپ،بۆرەككە ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولۇپ ئۇلار مىكروپلار بىلەن يۇقۇملانغانغاندىن كېيىن يىرىڭداپ،يىرىڭلىق يارا شەكىللەندۈرىدۇ. بەزىدە بۆرەككە سىرتىدىن زەربە تېگىش،يېقىلىش تۈپەيلىدىن بۆرەك زەخىملىنىپ ئۇلار يۇقۇملىنىپ بۆرەكتە پەيدا بولغان يارىلار  ئېغىرلىشىش قاتارلىق ئامىللار بۆرەكتە كۆپ ئۇرۇندا ئۇششاق يېرىڭلىق خالتىلار ياكى چوڭراق كۆلەملىك يېرىڭلىق خالتا پەيدا بولىدۇ 

ئالامىتى: بۇ كېسەللىكتە بۆرەكنىڭ ئۇدۇلىدا قۇۋۇرغىنىڭ ئىچكى قىسمىغىچە ئاغرىقسىز ئېغىرلىق ۋە تېلىش بولىدۇ. بەل ۋە بۆرەك ساھەسى ئاغرىيدۇ. سۈيدۈك تەكشۈرگەندە سۈيدۈكتە يېرىڭ،قان،ئۇششاق گۆش پارچىلىرى تېپىلىدۇ. سۈيدۈك سېسىق بەتبۇي كېلىدۇ. ئۇسسۇزلۇق ۋە كۆڭۈل ئېلىشىش كۆرۈلىدۇ. ئەگەر سۈيدۈك تامچىلاپ قان ئارىلاش كەلسە بۆرەكتىكى قان تومۇردىن بىرەرسىنىڭ ئۇزۇلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر تاشنىڭ قوزغىلىشىدىن زەخىملەنگەن بولسا سۈيدۈك قىچېشىش ئارىلاش ئېچىشىپ كېلىدۇ.

 داۋالاش پىرىنسىپى: يېرىڭنى تازىلىغۇچى، ئىششىقنى قايتۇرغۇچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، جاراھەت پۈتتۈرگۈچى،ياللۇغ قايتۇرغۇچى،ئومۇمىي بەدەن ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.