سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى بىر قەدەر ئېغىر كېسەل.
ئەگەر تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىپ، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ.
1. ماغدۇرسىلىنىش: ماغدۇرسىزلىنىش بۇ كېسەلنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە بۇنىڭغا سەل قارىلىدۇ. چۈنكى ماغدۇرسىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ. بۇنداق چاغدا دوختۇرخانىغا بېرىپ سۈيدۈك ۋە قاننى تەكشۈرتۈش كېرەك.
2. ئىششىق: ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆز قاپىقى ئىششىپ قوپۇش، چۈشتىن كېيىن ئىششىق يېنىش؛ ھېرىپ-چارچاشتىن كېيىن ئىككى پۇت ئىششىش، ئازراق دەم ئالغاندىن كېيىن ئىششىق يېنىش ئالامەتلىرى سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەينەككە قاراپ يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
3. چىراي سارغىيىش: سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەندە ئادەمنىڭ چىرايى سارغىيىپ كېتىدۇ. چۈنكى سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەندە قان ئازىيىپ كېتىدۇ-دە، چىراي سارغىيىدۇ. بۇنداق كېسەللىك ئالامىتىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بايقىغىلى بولمايدۇ.
4. تېرە قىچىشىش: بۇنى تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىش، سۆسۈن داغ قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان.
5. ئىشتىھا تۇتۇلۇش: سۈيدۈك زەھىرى يىغىلىپ قېلىپ، بەدەننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزگەندە ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، تاماققا كۆڭلى تارتماس بولۇپ قالىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.