سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
كىرگىن ئەركەم، چۈشۈمگە كىرگىن - [شېئىرلار]
2012-11-26
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/225108941.html
كىرگىن ئەركەم، چۈشۈمگە كىرگىن
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
چاچلىرىمنى سىلىسا شامال،
ھارارەتلىك ئالقىنىڭ دىدىم.
چىقساڭ ئىللىق قۇياش بوپ ئەركەم،
ئاڭا تەشنا گۈلبەرگى ئىدىم.
سىم-سىم يامغۇر ياغقاندا سەھەر،
سۆيۈپ قويدۇم، بىر تاتلىق سىزىم.
تامچەڭنىمۇ چۈشۈرمەي يەرگە،
شەبنەم كەبى بەرگىمگە تىزدىم.
ئىشىكلىرىڭ چېكىلسە ئاستا،
مىنى يوقلاپ كەپتۇ دەپ بىلگىن.
مىنى ئۇنچە قىلماي تەقەززا،
كىرگىن ئەركەم، چۈشۈمگە كىرگىن
2012-11-8.
收藏到:Del.icio.us