سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
سەن ھامان - [شېئىرلار]
2012-11-26
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/225108938.html
سەن ھامان
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
يەنە قايتتىم بۇسۇغاڭدىن قۇرۇق قول،
نۇرغۇن سۇئال تۈرۈپ قالدى گېلىمغا.
سەنمۇ بىركۈن قارارىمنى بىلگىلى،
كەپ قالارسەن تەلمۈرگەنچە يېنىمغا.
بەلكىم شۇ چاغ يىشىلىدۇ نۇرغۇن سىر،
يامغۇر بولۇپ ياغقىنىڭدا بېغىمغا.
يەنە قايتتىم بوسۇغاڭدىن قۇرۇق قول،
سۇئاللىرىم قالدى يەنە جاۋاپسىز.
كەلمىسەڭمۇ گۈل كۆتۈرۈپ ئالدىمغا،
دېگۈم كەلمەس سېنى ھەرگىز ۋاپاسىز.
چۈنكى ھەرچاغ مۇڭدىشىدۇ جۈپ كۆزلەر،
قەلىبلەرنى بايان قىلىپ زۇۋانسىز.
يەنە قايتتىم بوسۇغاڭدىن قۇرۇق قول،
ئارىمىزدا باردۇر ئىگىز تاغ-داۋان.
ئۆزگەرمەيدۇ مىنىڭ سۇلماس ئەقىدەم،
كۈكۈم-تالقان بوپ كەتسىمۇ يەر-جاھان!
نەلەردە بول، مەن سېنىلا كۈتىمەن،
قەلبىمدە بار پەقەت سەنلا، سەن ھامان!
2012-11-16
历史上的今天:
كىرگىن ئەركەم، چۈشۈمگە كىرگىن 2012-11-26سېغىنىش 2012-11-26سۆيگۈ 2012-11-26ئىزدىدىم 2012-11-26خىيال 2012-11-26
收藏到:Del.icio.us