ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)

    • ئېغىرىنى يەر كۆتۈرىدۇ(ھىكايە) - [ھېكايە]

      2010-10-14

      版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
      logs/78734556.html

      ئىككى تەرەپتىكى كۆز يەتكۈسىز قاقاسلىقنى قار باسقان،مۇز تۇتۇپ ئەينەكتەك سىلىغلانغان ئاسفالىت يولدا يالغۇز يول يۈرۈۋاتقان يۈك ماشىنىسى ئاستا يول قىرىدا توختىدى.تۇرسۇن شوپۇر ماشىنىدىن چۈشۈپ چاقلارنى ئايلىنىپ بىر باشتىن تىپىپ چىقىپ،ئۆزىگە شۇنچە يىل ھەمرا بوپ كىلىۋاتقان بۇ قەدىناس ماشىنىسىغا ئۇھسىنىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتى-كاساپەت كونىراپ كەتتىڭدە ئامال يوق.ھەممىمىز كونىرىدۇق،قېرىدۇق....

      ئۇنىڭغا بۇ ئۇزۇن يوللاردا ھەمرا بولىدىغىنى ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان خىياللىرى ئىدى ئەلۋەتتە.

      دادىسىدىن كىچىك قېلىپ،مەكتەپتە ئوقۇيالمىدى،ئانىسىغا ياردەملىشىپ دېھقانچىلىق قىلىپ چوڭ بولدى،لېكىن ھەرقانچە تىرىشىپ-تىرماشسىمۇ (ئىشتىنى تىزىدىن ئاشماي)،قوساق تويسا شۈكرى قىلىپ يۈرۈپ ئوننەچچە ياشلارغا كىرىۋىدى،ئانىسىمۇ ئۇنى تاشلاپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى.ئۇنىڭ قارا يىتىملىك كۈنلىرى باشلاندى.ئۆيگە كىرسە (كەلدىڭمۇ بالام؟ئازراق بىرنەرسە يەۋەلغىن)دەيدىغان ئانىسىمۇ يوق.سوغۇق ئۆي،قوساق ئاچ....يازچە بۇرنىدىن قان كەتكۈدەك ئىشلەپ تېرىغان ، ئاشلىقى  قىشنىڭ ئوتتۇرىغا بارمايلا تۈگىدى.

      ئۇ كولانغاندا توپا ئارىسىدا قېلىپ قالغان ئۇششاق بەرەڭگىلەرنى تىرىپ كىلىپ ،قار ئاستىدا نەملىشىپ تۇرغان قوناق شاخلىرىنى كاڭ ئوچاققا سېلىپ ،مىڭبىر جاپادا ئىستىن ياش تۆكۈلىۋاتقان كۆزلىرىنى ،يەڭلىرىدىن مازلىرى چۇۋۇلۇپ چىقىپ تۇرغان پارقىراپ كەتكەن يىڭىگە سۈرتۈپ ئولتۇرۇپ بەرەڭگىلەرنى پۇچۇلاپ يەپ ئولتۇرۇپ،ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ ئىسەدەپ يىغلايتتى.

      -بۇ دۇنياغا نىمىشقىمۇ تىكەندەكلا تۆرىلىپ قالغان بولغىيتىم؟يا ئاتام يوق،يا ئانام... ئاغزىدىكى چالا پۇچۇلىنىپ ئوتتۇرىسى خام قالغان بەرەڭگىنى زەردە بىلەن تۈكۈرەتتى ئۇ غۇدۇرىغاچ.

      نەم شاخلاردىن پۇرقىراپ چىقىۋاتقان ئىسلار ئۆينىڭ ئىچىنى بىر ئالدى(ئازراق ئىسسىق ھارارىتى چىقسىچۇ كاشكى).

      ئۇ ئىستىن ئاچچىق بولغان گاللىرىنى قىرىپ ھۆتىلىپ سىرتقا چىقتى.

      مەھەللىدە ئۇنىڭ خېلى يېقىن تۇققانلىرى بولسىمۇ،ئۇنىڭدىن ۋابادىن قاچقاندەك قاچاتتى.دەرۋازىسى ئالدىغا بېرىپ تەلمۈرۈپ تۇرغىنىدا يېلىقى ھاممىسى ئىت-توخۇلارنى باھانە قىلىپ بىرنىمىلەرنى دەپ غۇدۇراپ دەرۋازىنى ئىچىدىن چىڭ تاقاپ ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي كىرىپ كىتەتتى...

      ئۇ مەھەللە دوقمۇشىدا بىر ھازا مەقسەتسىز دۈگدىيىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن نەچچە كۈندە بىر چوڭ يولغا چىقىپ كۆمۈر ماشىنىلىرىدىن چۈشۈپ قالغان،پارچە-پۇرات كۆمۈرنى ئەكىلىپ ،ئۇنىڭ چوغلىرىغا ھەۋەسلىنىپ ئوچاق ئالدىدىلا ئۇخلايدىغان كونا ئادىتى بويىنچە چوڭ يولغا چىقىپ،ئەتراپقا تەلمۈرۈپ،سىنجىلاپ قاراپ كۆمۈر پارچىسى،رېزىنگە،ئەسكى ئاياق،تېزەك....ئىشقىلىپ كۆيدۈرگۈدەكلا نەرسە بولسا تېرىپ قولىدىكى تاغارغا سېلىپ،ئۆشنىسىگە ئارتىپ ئۆيى تەرەپكە ماڭدى.چوڭ يولدىن مەھەللىگە بۇرۇلىدىغان دوقمۇشقا كىلىشىگە كۈمۈر باسقان بىر ماشىنا ئۇنىڭ يېنىغىلا كىلىپ توختىدى.ماشىنىدىن پۈتۈن چىرايىنى ساقال-بۇرۇت قاپلاپ كەتكەن،بەستلىك،پۈتۈن بەدىنىدىن گۈپۈلدەپ بېنزىن پۇرىقى كىلىپ تۇرىدىغان بىر كىشى چۈشۈپ،ئۇنىڭغا قاراپ بوم ئاۋازدا:

      -ئاتا-ئاناڭ يوقمۇ؟دەپ سورىدى.

      -ياق،ئۆلۈپ كەتكەن.دىدى ئۇ دۇدۇقلاپ.

      ئۆيۈڭدە يالغۇزلىما سەن؟

      -شۇنداق.

      -تۇرمۇشۇڭنى قانداق قامدايسەن؟

      ئۇ ئۈندىمەستىن يەرگە قاراپ تۇردى.بەستلىك شوپۇر ئۇنىڭ بېشىنى كۈچلۈك،چوڭ ئالقانلىرى بىلەن سىلىغاندىن كىيىن:

      -مەن سېنى باشقىلاردىنمۇ ئاڭلىغان،بالام،خالىساڭ ماڭا ھەمرا بولۇپ كۈمۈر تارتىشىپ بەر.كۈمۈر چۈشۈرگۈزگەنلەرگە ئانچە-مۇنچە ياردەملەشسەڭمۇ لايىقىدا ھەق ئېلىپ بېرىمەن.قوسىقىڭدىن غەم قىلمايسەن،

      مانا شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولدى.قاسىم شوپۇر قوپال،كەمسۆز ئادەم بولسىمۇ ئۇنىڭ قوسىقىنى ئاچ قويمايتتى.ئۇ ئادەممۇ بويتاق بولۇپ ئايالى كەنجى قىزىنى تۇغقاندا تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كەتكەندىن بېرى ئاشۇ تەۋەرۈك قىزى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كىلىۋاتاتتى.ئۇلار ئىشنى تۈگۈتۈپ ئۆيگە قايتقان كۈنلىرى قاسىم شوپۇرنىڭ كەنجى قىزى(چوڭ قىزى ياتلىق بولۇپ چىقىپ كەتكەن)ئوخشىتىپ تاماقلارنى ئىتىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قوياتتى.لېكىن ئۆيدە بويىغا يەتكەن قىزىنىڭ بولغانلىقىدىنمىكىن قاسىم شوپۇر ئەزەلدىن تۇرسۇننى ئۆيدە قون دەپ باقمايتتى.تۇرسۇنمۇ ئۆزىنى بىلىپ ماشىنا ئىچىدە ئۇستىسىنىڭ ئۇزۇن جۇۋىسىنى يېپىنىپ ئۇخلايتتى.

      كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى،تۇرسۇنمۇ رولنى ئۇستىسىنىڭ قولىدىن ئېلىپ ماڭغۇدەك بەردەم شوپۇر يىگىتكە ئايلاندى.شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاسىم شوپۇر كۈمۈرلۈكتە بىر ھۆتىلىپ كەتكەن بىلەن ھۆتىلى توختىماي،نەپسى سىقىلىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى.ئۇ قىزى ۋە تۇرسۇننى ئالدىغا ئەكىلىپ،خىرقىراپ تۇرۇپ بۇندىن كىيىن بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇپ ياشاشنى ۋەسىيەت قىلدى ۋە ئەتىسى تۇرسۇنغا ئىمام باشلىق نەچچە جامائەتنى چاقىرتىپ ئىككىسىنىڭ نىكاھ پاتىھەسىنى ئوقۇتۇپ قويۇپ،خاتىرجەم ھالدا جان ئۈزدى.

      مانا شۇندىن بېرى 20 نەچچە يىل ئۆتتى .بۇ ئىككى قارا يىتىم تىرىشىپ-تىرمىشىپ كۈن ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ.ئاللاھ ئۇلارنىڭ يالغۇزلۇقىنى بىلىندۈرمەي بەش  ئوغۇل ئىككى قىز ئىلتىپات بەردى .لېكىن،بىر بالا تۇغۇلسا خوشاللىق بىلەن تەڭلا غەممۇ تۇغۇلاتتى. تا ھازىرغۇچە داۋاملىشىۋاتقىنى يەنىلا غورىگۈل تۇرمۇش.ئۇچىغا تاپسا،قوساققا يوق،قوساققا تاپسا ئۇچىغا.....ئايالى رىزۋانگۈلمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن مۈكچىيىشكە باشلىدى،يەتتە بالىنىڭ غېمى ئازمۇ؟

      -(ئىككىمىز مەكتەپ يۈزى كۆرمەپتىكەنمىز شۇڭا بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ساۋاتسىز،مۇھتاجلىق بىلەن ئۆتۈپ كەتتۇق،جاپا تارتساقمۇ بالىلارنى ئوقۇتايلى)دىيىشىپ بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىسىنى ئۇنۋېرسىتقۇچە ئوقۇتىۋىدى مانا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگىلى بىر يىلدىن ئاشتى،خىزمەت يوق.بۇ بالىلارنى خىزمەتكە چىقىرىپ،ئۆي-ئوچاقلىق قىلىشلارنى ئويلىسىلا ئۇنىڭ يەلكىسىنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز تاغدەك غەم باسىدۇ.

      تۇرسۇن شوپۇر ئېغىر بىرنى خۇرسىنىپ قويۇپ،كىچىك چايدىنىغا ئەتىگەن ئۆيىدىن چىققاندا ئايالى پىننە،زىرىلەرنى قۇشۇپ دەملەپ بەرگەن قىززىق چايدىن بىرنى ئوتلىدى.-كۈمۈر بىلەن ھەپىلەشكەنلەرنىڭ قولىنىڭ راستىنلا بەركىتى بولمامدىغاندۇھە؟ دەپ يەنە خىيالىنى باشلىدى ئۇ.ئەتىگەن ئۆيدىن چىقماقچى بولۇپ تۇرغىنىدا ئايالىنىڭ قاتتىق ھۆتىلىپ ،قېقىلىپ كەتكىنىنى ئويلاپ يۈرەكلىرىنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشتى.-بىچارە ماڭا تىگىپ ھىچقانداق خۇۋلۇق كۆرمىدى.تامىقىمنى ئىتىپ،كىرىمنى يۇيۇپ،بالا تۇغۇپ بېرىپلا ئۆتتى،يا كۆپ تاپا-تەنىسى يوق،ئارتۇق غەلۋىسىمۇ يوق.(كەمبەغەلنى بالا باسىدۇ،باينى كالا...)دەپ كەنجىسىنى باشقىلار شارائىتىڭلارمۇ تازا ياخشى ئەمەسكەن،قۇشۇلساڭلار بىز بېقىۋالساق،دىگىنىدە خۇددى خەق ھازىرلا بولاپ كىتىدىغاندەك قۇچىقىدىكى بالىنى چىڭ قۇچاغلاپ يىغلاپ كەتكەنلىرىچۇ بىچارەنىڭ.ھازىر بەلكىم پۇشايمانمۇ قىلىدىغاندۇ بېرىۋەتمىگىنىمىزگە.....مانا ئەمدى ئۇ كەنجىتايمۇ مەكتەپ يېشىغا توشۇپ قالدى....ھەي،بۇ كۈنلەرنى قانداققمۇ ئۆتكۈزەرمىزكىنتاڭ؟!

      ئۇ خىياللىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا كۈمۈرلۈككە ئاز قالغان جايدىكى بىر ئاشخانا ۋە بىرلا دۇكان بار ئۆتەڭگە كىلىپ ماشىنىنى توختىتىپ،ئاشخانىنىڭ سىرتىغا قويۇپ قويۇلغان ئۈستەللەردە قىزغىن پاراڭغا چۈشكەن،تۇنۇش شوپۇرلارنىڭ ئالدىغا كىلىپ بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ،كۈلكە ۋە ھەزىل چاخچاقلارنىڭ تەسىرىدىن تېزلا بايىقى غەملىرىنىڭ قوينىدىن بىردەملىككە سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ئۇلارنىڭ پارىڭىغا جۆر بولغاچ،بىكار ئورۇندۇققا جايلىشىپ ئولتۇرۇپ،موخۇركىسىنى يۆگەشكە باشلىدى.

      -ماڭماي ھەممىڭلار بۇ يەرگە يىغىلىۋاپسىلەرغۇ؟دەپ سورىدى ئۇ شوپۇرلاردىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

      -جېنىم ئاكا مېڭىپ-مېڭىپ مۇشۇ يەرگە كەلدۇق،يەنە ئالدىرىساق گۆرگە بارىمىز.سەنمۇ بىر ئۆمۈر مېڭىپ تۈگىتەلمىگەن يولنى بىز تۈگىتەلەيتتۇقمۇ؟دىدى شوخلۇق قىلىپ ياش شوپۇر.-پۇت-قولدىكى قانلارنى يۈرۈشتۈرىۋېلىپ ماڭمامدۇق.

      -ھازىر ياش باللىغا يىتىشكىلى بولاتتىمۇ؟-دەپ كۈلدى تۇرسۇن شوپۇرمۇ.-قېرىغاندا ئۆمۈچۈكتەك مېڭىپ ھىچ يول ئاينىماس بوپ كەتتىغۇتاڭ؟مەن ماڭغاچ تۇراي ئەمىسە.

      -يولدا دىققەت قىل،اللاھقا ئامانەت!

      ھەممە شوپۇرلار ئۇنىڭ ۋىجىك گەۋدىسىگە،تولا بۇزۇلۇپ،ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن،ھازىرلا ئۆرۈلۈپ كىتىدىغاندەك،قىيسىيىپ قالغان ماشىنىسىغا ھىسىداشلىق بىلەن باش لىڭشىتىشىپ قاراپ قېلىشتى.

      تۇرسۇن شوپۇر خوشنا ناھىيەگە ئاپىرىلىدىغان بىر ماشىنا كۈمۈرنى بېسىپ نامازشام بىلەن مەنزىلگاھقا يىتىپ كەلدىدە كۈمۈرنى چۈشۈرۋېتىپ كەينىگە قايتاشىدا ئەتىگەن ئايالى تاپشۇرغان لازىمەتلىكلەرنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك ماللار دۇكىنىغا كىرىپ كەتتى.

      ئۇ ئۇششاق-چۈششەك لازىمەتلىكلەر قاچىلانغان كىچىك سۇلياۋ خالىتىنى كۆتۈرۈپ كىلىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ چەكچىيىپ تۇرۇپلا قالدى.

      ماشىنا ئورۇندۇقى ئۈستىدە پاختىلىق يۆگەككە چىڭڭىدە يۆگەلگەن بىر بوۋاق قىقىراپ يىغلاپ ياتاتتى.ئۇ ئەتراپقا تېز كۆز يۈگۈرتتى،ھىچكىم كۆرۈنمەيتتى.ئۇ قولىدىكى خالتىنى ئورۇندۇققا تاشلاپ بالىنى قولىغا ئالدى.بۇ تېخى ئەمدىلا قىرقى توشقان ئېھتىماللىقى بولغان كىچىككىنە تەن ئۇنىڭ قولىغا چىقىپلا يىغىدىن توختاپ تېخى قاتمىغان قاپقارا قارچۇقلىرىنى توختىتالماستىن ئۇنىڭغا تىكىپ گەپ تەما قىلغاندەڭ گۇڭرىدى.

      -ۋاي خۇدايىمەي،ئالدىرىغاندا كىمنىڭ بالىسىدۇ بۇ ئەمدى؟نىمىشقا بۇ يەرگە قويۇپ قويغاندۇ؟دەپ تىت-تىت بولۇشقا باشلىدى ئۇ .بالىنىڭ توڭلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ قۇچىقىدا تۇتۇپ ئولتۇرغاچ ئەتراپقا تەلمۈرۈپ قارىدى.قاراڭغۇ چۈشتى،ھىچكىم بۇ ماشىنا ئەتراپىغا كەلمىدى.بوۋاقمۇ ئۇنىڭ قۇچىقىدا تاتلىق ئۇخلاپلا كەتتى.

      -ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ھە راست ئۇنى ساقچى ئىدارىسىدىكىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىپ يولۇمغا ماڭاي شۇلار ئىگىسىنى تېپىپ بېرەر.دەپ ئويلىدى ۋە ئانچە يىراق بولمىغان ساقچى ئىدارىسىگە كىرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.ئىش بۇنىڭلىق بىلەن ھەل بولمىدى،ئۇنىڭ سۆزىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرغان ساقچى يىگىت  ئاخىرىدا ئۇنىڭغا:بالىنىڭ ئىگىسى چىققۇچە سىز ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرسىڭىز.بىز تېز سۈرئەتتە بۇ ئىشنى ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز.دەپ يولغا سالدى..

      ئۇ ماشىنا ئىچىدە بالىنى تۇتۇپ خېلى ئۇزۇنغۇچە ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ كەتتى.بالىنىڭ يىغىسىغا چىدىماي دۇكاندىن بىر دانە سۈت بوتۇلكىسى ۋە بىر خالتا سۈت پاراشوگى سېتىۋېلىپ چايداندىكى يېرىم ئىلىمان بولۇپ قالغان چاي بىلەن تەڭشەپ ئۇنىڭغا ئىمىتتى.

      بالىنىڭ كۈچەپ شورىشىدىن ئېقىپ چىققان سۈتلەرنىڭ ئۇنىڭ قوينىغا كىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن دائىم يېنىدا ساقلايدىغان لوڭگىسىنى ئېلىپ بالىنىڭ بوينىغا قۇيۇپ قويماقچى بولغىنىدا ئۇنىڭ بۇيۇن قىسمىدىكى يۆگەكنىڭ يۆگەلگەندە كىسىشكەن جايىدا بىر نەرسە شاراق-شۇرۇق قىلىپ قالدى.ئۇ دەرھال قىزىقىپ ئۇ يەردىن چىققان بىر ۋاراقچىنى ئېچىپ بۇنىڭ بىر پارچە خەت ئىكەنلىكىنى بىلدى لېكىن ئۇقۇيالمايتتى.شۇڭا ئۇ بالىنى،قەغەزنى كۆتۈرۈپ ساقچىخانىغا قايتىپ كىرىپ ساقچى يىگىتكە ئەھۋالنى ئېيتىپ قەغەزنى كۆرسەتتى.

      ساقچى يىگىتنىڭ ئوقۇپ بېرىشىچە قەغەزگە پەقەت(ئاقكۆڭۈل كىشى،بالامنى ئۆز بالىڭىزدەپ بىلەپ قاتارغا قوشسىڭىز)دىگەنلا خەت يىزىلغان ئىدى.

      تۇرسۇن شوپۇر بىر ھازا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ كەتتى.ساقچى يىگىت بولسا(قانداق قىلساڭ قىل)دىگەندەك ئىپادىسىز ھالدا ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى.

      كېچە زۇلمىتى قاپلىغان يولدا غۇۋا چىراغ يورۇقىدا يولنى ئاران ئېرەن قىلىپ كىتىۋاتقان تۇرسۇن شوپۇر پات-پات بالىغا قاراپ قوياتتى.ئۇ يەنە خىيالغا پاتتى:

      -ئۇنى ئۆيگە ئاپارسام رىزۋانىخان نىمە دەپ كىتەرھە؟خۇددى بىزنىڭ ئۆيدە بالا كەملەپ قالغاندەك،يەيدىغان-ئىچىدىغىنىمىز ئېشىپ-تېشىپ قالغاندەك...خەير مەندە نىمە ئامال؟بۇ سوغۇقتا بالىنى كوچىغا تاشلاپ قويغىلى بولاتتىمۇ؟قېنى تەۋەككۈلىگە ئاپىراي،بالا يۈزى كۆرمىگەن بىرەرسىنى ئۇقۇشۇپ بېرىۋېتەرمىز ياكى ساقچىخانىدىكىلەر دېرىكىنى تېپىپ قالار...

      ئۇ مۇڭلىنىپ بالىنىڭ غۇۋا يورۇق چۈشۈپ تۇرغان كىچىككىنە يۈزىگە قارىدى.-چىرايلىقلا بىر خۇدانىڭ بەرگىنىكەنتۇق،قايسى باغرى تاشتۇر ئۇ مۇشۇنداق ئوماق بالىنى تاشلىۋېتىشكە چىدىغان...ئەگەر بالام كۆپ،تۇرمۇشۇم غۇربەت بولمىغان بولسا ئۆزۈملا بېقىپ قاتارغا قوشاركەنمەن....ياق،ياق بۇنداق گەپنى ئىلاھىم رېزۋانگۈل ئاڭلاپ قالمىسۇن.-قايسى يۈزلىرى بىلەن يەنە بالا باقىمەن دەيلا؟دەپلا سالسا ئۆلىۋالغىنىم تۈزۈك....

      ئۇ خىياللىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا چولپان چاقنىغان مەھەل ئىشىكى ئالدىغا كىلىپ توختىدى.

       

      بۇ ئىشنى بىر باشتىن زەن سېلىپ تىڭشاپ ئولتۇرغاچ بالىغا سۈت ئىچكۈزىۋاتقان،رېزۋانگۈلنىڭ چىرايىغا مىھىر يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ ئېيتقان سۆزى شۇ بولدىكى:

      -باقايلى.ئېغىرىنى يەر كۆتۈرىدۇ،رېزقىنى اللاھ بېرىدۇ.

       

       

       2010.10.14


      收藏到:Del.icio.us




      评论

    • saadat hanim bilogi ga kirginimdin huxal man , pursat bolsa bundin kiyin dawamlik nazirimni agduriman rahmat