سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
-
پەرھات - [شېئىرلار]
2011-04-20
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/121289118.html
پەرھات
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
قىيالاردىن ئىزىڭ ئىزدەپ،زارىقىپ چىكىمەن پەريات،
تىلەكلەرنىڭ ئىشىكىدە،سايەڭنى كۈتىمەن پەرھات.
سەھەردە بېقىپ چولپانغا ئۈمىدتە باشلىسام كۈننى،
،شەپەقلەرنىڭ قان رەڭگىگە بىرىكىپ يۈتىمەن پەرھات.
قارىلىغاچلار ئېلىپ كەتتى،ئون يەتتە مەرتە ئارماننى،
ئىگىسىز قايتقان خەتلەرنى پىغاندا يىرتىمەن پەرھات.
سەن ئۈچۈن باققان گۈللىرىم سەن كەبى كەتسىمۇ سۇلۇپ،
تەكچىدىكى يالغۇز ياپراققا سۇلارنى سىپىمەن پەرھات.
تىرىكتۇرمەن،سەگەك ھېسلار قەغەز-قەلەم سىردىشىمدۇر،
قولۇم كۆيدۈرسىمۇ سىياھ، داستانلار پۈتىمەن پەرھات.
ئەركىم ئەمەستۇر قەبرەڭگە قويماق بىر دەستە گۈلۈمنى ،
بولۇپ يامغۇر ئەشۇ تۇپراققا يېشىمنى تۈكىمەن پەرھات.
شەپەقلەردىن كىلەر سادا:تۇغۇلار مىڭچە پەرھات دەپ،
شۇندىلا غەپلەت ئۇيقۇمدىن يۇلقۇنۇپ چىقىمەن پەرھات.
تۇغۇلغان ھەر-بىر بوۋاققا تەلمۈرگەنچە سەپسېلىپ،
بىرەر تۇرقى-مىجەزىدىن سىمايىڭ سىزىمەن پەرھات.
شۇڭا دەيمەن:سەنمۇ ھايات،ھاياتتۇر مەندىمۇ ئارمان!
قول تۇتۇشۇپ ھامان بىر كۈن ۋىسالغا يىتىمەن پەرھات!
2011.3.11
收藏到:Del.icio.us
评论
سائادەت ئاچا مەن يازغۇچىلار تورىدىكى مۇخسىن بۇلىمەن,ئۇ توردا سىزگە قانداق ئۇچۇر يوللاشنى بىلەلمەي بىلوگىڭىزغا قالدۇرۇشقا مەجبور بولدۇم.
مۇمكىن بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز!!!كۆپ رەھمەت!!!
qq:349933740
ئېلخەت:yasenyi@gmail.com
ئاللاھقا ئامانەت!!!