سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
يامغۇر ياغقان ئەشۇ ئاخشىمى - [شېئىرلار]
2013-11-07
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/saadat-logs/237174589.html
يامغۇر ياغقان ئەشۇ ئاخشىمى
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
يامغۇر ياغقان ئەشۇ ئاخشىمى،
كۆكلەپ چىقتى قايتىدىن ئازاپ.
دېرىزەڭنى چەككەندە ناخشام،
قالدىڭمىكىن خىرامان ئۇخلاپ.
يامغۇر ياغقان ئەشۇ ئاخشىمى،
قالدى ئۈمىد چۆللەردە ۋايساپ.
سۆيگۈ ئاتلىق كىيىكلىرىمىز،
قالغانىدى قاچاندىن ئاقساپ؟.
يامغۇر ياغقان ئەشۇ ئاخشىمى،
تامچىلاردىن كەلمىدى جاۋاپ.
گۈل بەرگىدەك يۇيۇلماي كۆڭۈل.
ئۆتەرمىزمۇ يەنە قاغجىراپ.
2011-7-25
历史上的今天:
ئاداققى ئۈمىد 2013-11-07كۈلىشىمنى سېغىندىڭمۇ يار 2013-11-07مۇڭدىشايلى كەل! 2013-11-07سەھەر 2013-11-07يامغۇر 2013-11-07