سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
يامغۇردىكى ھىسلار - [شېئىرلار]
2013-07-22
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/saadat-logs/234825425.html
يامغۇردىكى ھىسلار
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
بىلىسەن، يامغۇرنى ياخشى كۆرىمەن،
ئەزەلدىن تۇتمايمەن تامچىغا كۈنلۈك.
پاتقاقلىق يوللاردا قالغان ئىزىمىز،
ئەمەسمۇ سۆيگۈگە شاھىد-مۆھۈرلۈك.
بىر تامچە يامغۇردەك بىر قەترە سۆيگۈ،
سىڭمەكتە شۇ دەمدە مىھىر بەرگىگە.زىمىستان چاچقۇلار چېچىۋاتىدۇ،
بىزلەرگە مەنسۇپ بۇ بەخت پەيتىگە.
ئاداققى يوللاردا قالسۇن ئىزىمىز،
بۇ لەزىز مىنۇتلار بولمىسۇن ئۆتمۈش.
يامغۇردەك سۇغۇرۇپ تۇرساڭ باغرىمنى،
نە ھاجەت ھاياتتا ئۆكسۈش-ئۆكۈنۈش؟
2013.6.5历史上的今天:
گۈزەل كۈنلەر 2013-07-22كۆز ۋە كۆڭۈل 2013-07-22يەكشەنبىدە... 2013-07-22يۈرىكىڭنى سىزىۋالىمەن 2013-07-22سۆيگۈ مىھرى 2013-07-22
收藏到:Del.icio.us